بىلىك كۇلۇبى
يېڭى تېما يوللاش
پرىنتېرغا يوللاش

ئىملا خاتالىقىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ

ئىملا خاتالىقىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ

كومپيوتىردا ئۇيغۇرچە خەت بېسىشتىن ئىلگىرى قول يازما بىلەن ئالاقىلىشىپ كەلگەن ۋاقىتتا،ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىملا قائىدىسى بۇيىچە يۈزدە-يۈز توغرا يازالايدىغان ئادەم يوق ئىدى.بۇلۇپمۇ چەت تىلدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بۇيىچە قۇبۇل قىلغان سۆزلەرنى يازغاندا،سۇزۇق تاۋۇشلار بىر- بىرىگە ئاجىزلاشقاندا خاتا ئىشلىتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىدى.ھازىر كومپىيوتىردا خەت بېسىش ئۇمۇملاشقان بولسىمۇ ،مەن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىملا قائىدىسى بۇيىچە يۈزدە- يۈز توغرا يازىدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم.خەنزۇ يېزىقىنى كىرگۈزگەندەخەت خاتالىقى ياكى تىنىش بەلگىلەر خاتالىقى كۆرىلىدۇ لېكىن يېزىلغان خەتنىڭ ئۈزى خاتا يېزىلمايدۇ.ئەمما ئۇيغۇر يىزىقىدا بەزى خەتلەرنى ئىملا قائىدىسى بۇيىچە تۇلۇق توغرا يازالمايمىز.ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچتە ئىملا خاتالىقنى توغرىلاپ كىرگۈزىدىغان قىلغىلى بۇلامدۇ-يوق؟بۇلۇپمۇ تەبىئىي پەندىكى ئاتالغۇلار،سىياسىي ئاتالغۇلارنى كىرگۈزگەندە ئاسانلا ئىملا خاتالىقى كىلىپ چىقىدىكەن،كىرگۈزگۈچنى ئەل كوررىكتورغا ئوخشاش دىتاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئالدىنقى بىر نەچچە ھەرپنى باسسىلا كەينى توغرا چىقىدىغان قىلغىلى بۇلامدۇ؟بولمىسا بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى ئىملا قائىدىسى بۇيىچە يېزىش مەڭگۈلۈك ئاجىزلىق بۇلۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۇشۇ مەسىلىنى ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بۇلامدۇ؟

چوققا

مېنىڭچە قىلغىلى بولىدۇ!!

كۆكلەمدە كۆكلەيلى!!!

چوققا

ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا خاتالىقىنى خەنزۇچە خەت بىلەن سېلىشتۇرۇش بىمەنىلىكمۇ قانداق؟
بىلىكنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار ئىدى،نىمە بولدىكىن؟ بۇزۇلۇپ قاپتۇ.

چوققا

قول بىلەن يازغاندا كىچىك ئىملا خاتالىقلىرىدىن ساقلىنىش قىيىن. ئەمما، كومپيۇتېردا ئۇرغاندا تامامەن مۇمكىن (ئاتالغۇلارغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ)

چوققا

مېنىڭچە كومپيۇتېردا پۈتۈنلەي كوررېكتورلۇق قىلىش، ھەتتا ئاددىي تەھرىرلىكنىمۇ ھەل قىلىش تامامەن مۇمكىن.
ھازىر ئەل كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نەشىرى پۈتۈنلەي سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق تەھلىل قىلىنىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئامباردا يوق ياكى مۇرەككەپ تۈرلىنىشى يوق بولغان سۆزلەرنى كۆرگەندە، گۇمانلىق سۆز دەپ ئۇچۇر بېرەتتى. ھازىر، بەزىبىر قائىدىلەرنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقتۇق.
غەيرەت توختى ئەپەندىممۇ تۈپ سۆزلەرنىڭ ھەر خىل تۈرلىنىشىنى كومپيۇتېردا تولۇق ھەل قىلىپتۇ. بۇمۇ چوڭ باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ.
چەتئەللەردە بېسلغان ئەسلىي نەشىردىكى كىتابلارنى كۆرۈپ بېقىڭ، بۇنىڭدا مەسئول كوررېكتورى دېگەن سۆزنى ئۇچرىتالمايسىز. شۇڭا، ئۈمىدۋار بولۇڭ.

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alim_Ahat ، ۋاقتى: 2007-2-6 14:53 ]

چوققا

مىنىڭ خەنزۇ يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرۇشۇم،ئىملا خاتالىقى دىگەن بۇ ئۇقۇمنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى،ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك يېزىق بىرلىگى خەت،بىزنىڭ بولسا ھەرىپ،شۇڭا ئۇلاردا خاتا خەت ئىشلىتىپ سالىدىغان ئىشلار يۈز بەرسىمۇ،لېكىن خەتنىڭ ئۈزىدە ،يەنى چىكىت، سىزىقلىرىدا خاتالىق كۈرۈلمەيدۇ.ئۇنى تىلغا ئېكلىشتا باشقا سەۋەپ يوق.
مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم يېزىق كىرگۈزگۈچكىلا مۇشۇنداق ئىقتىدارنى قۇشۇۋېتىش،قايتىدىن كوررېكتورلىق قىلىش دىتالىنى قاچىلاپ يۈرمەي،بىرىنچى قېتىم كىرگۈزگەندىلا ئىملانى توغرا يېزىپ چىقىش.

چوققا

مېنىڭچە ئالىم ئەھەت ئەپەندىنڭ تەتقىقاتى بۇنىڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ .

چوققا

# qintomur غا يوللانغان جاۋاب

ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى بەك مۇرەككەپ ۋە مول. سۆزلەر كۆپ خىل تۈرلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر پېئىل 1000 خىلدىن ئارتۇق تۈرلىنىدۇ. «يولۋاس» دىگەن بىر ئىسىمنى ئويلاپ باقساڭلارلا بولىدۇ. «يولۋاس»، «يولۋاسلار»، «يولۋىسىم»، «يولۋىسىڭ» قاتارلىقلار نەچچە يۈزگە يىتىدۇ. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر تۈرلەنگەندە ئاجىزلىشىدۇ. «قان--قېنى، سان--سانى، مۇقام--مۇقامى، توقام توقىمى» دىگەندەك. «سۇ---سۈيى» دىگەنگە قارىساق، «ۇ» «ۈ» گە ئاجىزلىشىدۇ. بۇ ئاجىزلىشىشلار سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشىنى تەتقىق قىلىشقا كۆپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ. قىلغىلى بولمايدۇ دىگەن گەپ ئەمەس، كومپىيۇتېر، تىلشۇناسلىق، ماتېماتىكا دىگەندەك كۆپ كەسىپلەرگە تاقىشىدۇ. ئاشۇنداق ئوخشىمىغان كەسىپتىكى يولداشلار بىرلەشسە، ئاندىن ياخشى نەتىجىلەر بولىشى مۇمكىن.
تىلشۇناسلار كومپۇتېر ئۇقمىسا، كومپيۇتېرچىلار ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلمىسە، بۇ ئىشلار ئاسان ئەمەس. ئەمەلىيەتتە تىل تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن ئالىملار ماتىماتىكىچى ياكى كومپيۇتېر ئالىملىرىدۇر.

چوققا

يېڭى تېما يوللاش