بىلىك كۇلۇبى
يېڭى تېما يوللاش
پرىنتېرغا يوللاش

ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ھەققىدە تەكلىپ

ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ھەققىدە تەكلىپ

ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ھەققىدە تەكلىپ
كەڭ تورداش قېرىنداشلار ،
ياخشىمۇ سىلەر ، مەن بولسام بىر ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ھەۋەسكارى . مەن 2002-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم ئۈچۈن، ئوقۇش سەۋەبى بىلەن يۇرتتىن ئايرىلىپ جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىدە تۆت يىل تولۇق ئوتتىرىدا ئوقۇدۇم ، 2006-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئمتىھان بىرىپ شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن ئونۋېرسىتىتىغا قوبۇل قىلىندىم ھەم ھازىرغا قەدەر بۇ ئونۋېرسىتتا ئوقۇۋاتىمەن . مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن بىرى خىلى كۆپ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدىم ، ھەم بەزى مەسىلىلەرنىڭ چوقۇم ھەل قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم .
مەسىلەن : مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا تورغا چىقىدىغان ، توردىن ھەرخىل ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىدىغان بولدۇم ، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر ئىش مىنىڭ خىيالىمدىن زادى كەتمىدى . يەنى ، مەن توردىن بەزى خەنزۇچە ماتىرىياللارنى (ھەرخىل ئېلكىتاپ شەكلىدىكى ماتىرىياللار) چۈشۈرۈپ كۈرۈش داۋامىدا ، مەندە ئۇيغۇرچە ماتېرىيال چۈشۈرۈپ كۈرۈش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالدى ، بىراق مەن شۇنچە ئىزدىسەممۇ ئاساسەن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ تاپالمىدىم . مەن توردا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ يوقلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خېلى ئويلاندىم ، كىيىنچە كومپىيوتىرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم . شۇڭا زادى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ياساپ چىققىلى بولماسمۇ دېگەن سۇئالنىڭ تۈرتكىسىدە مەن مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم ھەم ئۇزۇم مۇددەتلىك بۇشاشماستىن تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆز ئىستىكىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم ، يەنى مەن ئاخىرى مۇستەقىل ھالدا ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ياسىيالايدىغان بولدۇم . بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئىلكىتاپچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم . ھازىر ئۇيغۇرچە كىتاب ياساشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئىگىلەپ بولدۇم . ھەم بۇ قېتىمقى قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ(ئەلۋەتتە ئۆيگە قايتمىدىم) ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ياساش ھەققىدە بىر قىسىم تەجرىبىلەرنى يەكۈلىدىم . ھەم ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ياساش ھەققىدە يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن بىر يازما شەكلىدىكى دەرسلىكنىمۇ تۈزۈپ چىقتىم ، ئەلۋەتتە ، مەن ئۆزۈم تۈزگەن دەرسلىكنى تولۇق ھەم ئۆلچەملىك دەرسلىك دەپمۇ كىتەلمەيمەن ، بىراق كەڭ ھەۋەسكار دوستلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ھاجىتىدىن چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن . مەن يەنە بۇ قېتىمقى تەتىلدىن پايدىلىنىپ قىلغان بىر ئىشىم مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت 40 تىن ئارتۇق ئېلكىتاپ ياساپ چىقىپ بىرقىسمىنى ئاللىبۇرۇن تورغا يوللاپ كەڭ دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم .
ئەمدى ئاساسىي مەخسەتكە كەلسەك ، مەن ئۇزۇندىن بىرى توختىماستىن ئىزدىنىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىزچىل تۈردە قوللىشى نەتىجىسىدە ، يەنى ئابدۇللا ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىزچىل قوللىشى نەتىجىدە ھازىر ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ يوللايدىغان بوشلۇق قاتارلىقلارنى ھەل قىلىپ بولدۇم ، ھەمدە بىر مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ چۈشۈرىدىغان بىر توربەت(ئەلۋەتتە مەن ئىلگىرى ھەقسىز بلوگ تورىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق بەتتىن بىرنى قۇرۇپ بولغان) قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنىمۇ قىلىپ بولدۇم ، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ توربەت مۇشۇ بىرنەچچە كۈندە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشىدۇ .
مەن ھازىر سىلەرگە دېمەكچى بولغىنىم ، مۇشۇ ئانا تىلىمىزدىكى ئېلكىتاپچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغان كەڭ ھەۋەسكار دوستلارنىڭ بىر مەخسۇس گۇرۇپپا تۈزۈپ ( مەسىلەن : ئۇيغۇر ئېلكىتاپچىلىقى ئەتىرىتى دېگەندەك ، بۇ گۇرۇپا ئىسمىنى ۋاختى كەلگەندە بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتسەك بولىدۇ .) بىرلىكتە تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئانا تىلىمىزدىكى ئېلكىتاپچىلىقنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرساق دېگەن ئۈمىدتىمەن .
تەلەپ :
1.مۇشۇ ھەقتە قىزىققۇچىلار بىرلىكتە بىر گۇرۇپپا تۈزۈپ چىقىش ، ھەم بۇ گۇرۇپىغا بىر ياخشى بولغان ئىسىمنى قوللىنىپ ئۇزۇن مۇددەت شۇ ئىسىم ئاساسىدا ئىش كۈرۈش .
2. مەخسۇس بۇ گۇرۇپا ئەترىتى ئۈچۈن بىر توپ قۇرۇش . ( ئەلۋەتتە ، توپنى مەن ئاللىبۇرۇن قۇرۇپ بولغان.)
3.ئېلكىتاپنىڭ ئەسلى ماتىرىيالى ئاساسەن توردىن رەتلىنىدىغان بولغاچقا ، ھەرقايسى داڭلىق مۇنازىرە تور بەتلىرىدىكى كەڭ ئاپتۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىغا دەخلىي يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، ھەرقايسى داڭلىق مۇنازىرە توربەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ياكى ئەسلى ئاپتۇرلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ئاساستا ئۇلارنىڭ تورغا يوللىغان ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ ئېلكىتاپ قىلىپ چىقىش . بۇ يەردە مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىر داڭلىق مۇنازىرە بەتلەرگە بىر ياكى بىرقانچە ئادەم مەسئول بولۇپ شۇ بەتتىكى مەزمۇنلارنى رەتلەش ھەم ئۇنى ئېلكىتاپ قىلىپ چىقىش .
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ياساش جەريانىدا ئەگەر ئەسلى ماتېرىيال توردىن رەتلەنگەن بولسا ئەسلى ئاپتۇر ۋە توربەت ئادىرىسىنى چوقۇم ئەسكەرتىش . ئېلكىتاپ ياسىماقچى بولغان ماتىرىيالنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .
مەسىلەن : مەن ئاللىبۇرۇن ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى Yawuz ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇ توربەتتىكى مەزمۇنلارنى ئېلكىتاپ قىلىپ چىقىش ھەققىدە Yawuz ئەپەندىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالدىم ھەم بۇ توربەتتىن نۇرغۇن ماتىرىياللارنى ئېلكىتاپ قىلىپ چاساپ چىقتىم .
4.ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ھەم ئەسلى توربەتنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ توربەتنىڭ ئادىرېسى ھەم ئاپتۇرنىڭ ئىسمى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىش كېرەك .
5.بۇ ئۇيغۇر ئېلكىتاپچىللىقىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغان كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىقىنى ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى ئېلكىتاپ بولماسلىق بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قۇشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
6.مەن كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . شۇڭا بۇ جەھەتتە كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەققى ئۆلچەملىك، لاياقەتلىك ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ياساپ چىقىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەم بۇ ئىشنىڭ چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمەن .
بۇ ھەقتە ھەرقانداق چۈشىنىكسىز مەسىلىلەر بولسا كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويسا بىرلىكتە پىكىر يۈرگۈزسەك ياكى مەن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشسا بولىدۇ .


بايانات : ئۇيغۇر ئوغلى --- ھەۋەسكار تۈزگەن ھەرقانداق ئېلكىتاپنىڭ ئەسلى ماتىرىيالىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقى توردىكى ئەسلى ئاپتۇرغا مەنسۇپ ! بۇ ئېلكىتاپلار پەقەت ئىشتىن سىرتقى قىزىققۇچىلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇچۇنلا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ ، ئۇنىڭدىن سىرت سودا ئىشلىرى ياكى باشقا ساھەدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . ئەگەر باشقا ساھەلەردە قانۇنسىز ئىشلىتىپ بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە بارلىق ئاقىۋەتكە ئىشلەتكۈچى ئۆزى مەسئول !!!
ئۇيغۇر ئوغلى --- ھەۋەسكار بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ !!!!
ئەگەر ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دېگۈچىلەر بولسا بىۋاستە ئۇيغۇر ئوغلى --- ھەۋەسكار بىلەن ئالاقىلاشسا بۇلىدۇ . ئېلكىتاپلار توردا تەمىنلەشتىن توختىتىلىدۇ !!!!!
ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ئۇيغۇر ئوغلى --- ھەۋەسكار تۈزگەن ئېلىكىتاپلارغا نىسبەتەن ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپلىرىڭىز بولسا ، ئۇيغۇر ئوغلى ---- ھەۋەسكار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بۇلىدۇ .
2008 -يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
شەندۇڭ---جىنەن

چوققا

ئوغۇل بالا!
كاتتا ئىشنى باشلاپسىز (لەر)، ئىشىڭىز(لار) ئوڭۇشلۇق بولسۇن!


چوققا

تېرىشچانلىغىڭىزغا ئاپىرىن. گورۇپپا بولمىغاندا، ئۆزىڭىز شەخسەن داۋاملاشتۇرۇڭ، كۆپ ئىشلار ئۇزۇن داۋاملاشقاندىن كىيىنلا ئاندىن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بەزى ياخشى چىققان مۇنازىرىلەرنى ئىنكاسلىرى بىلەنلا قوشۇپ كىتاپ قىلىپ چىقىرىشنى ئويلۇشۇپ كۆرۈڭ.

ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن !

چوققا

مەرىپەت نۇرى كۈتۈپخانىسى

سىز مۇشۇ تېمى يېزىۋاتقاندا شەندۇڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكىلەرنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ قېرىندىشىم ؟ شەندۇڭ ئۇنۋىرسىتىتى مەرىپەت نۇرى كۈتۈپخانىسىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ كۈتۈپخانىمىز تېخى پەسىللىك ژۇرنال تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ ( بۇ ژۇرنالنى ئۆزىمىز چىقىرىمىز ) ، بۇمۇ ئېلكىتاب ۋە باسما كىتاب ھالىتىدە چىقىدۇ . بۇنداق ئىشلار بولسا ، بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز . نېمىلا دېگەن بىلەن يېقىندىكى خوشنا ياخشى ئەمەسمۇ ....

www.uyghurajava.com توربېتى سىزنى قارشى ئالىدۇ !!!

چوققا

سالام سىزگە : uyxman
ئويىڭىزنى قوللايمەن ، ياخشى ئىشنى باشلىماقچى بولۇپسىز ، تېخىمۇ كۆپ بولۇپ ، ئۇيۇشۇپ ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

سۆيىمەن ئۇلۇغ ئاتا-ئانامنى!بىلىم كۈچ!
جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق!

چوققا

سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشمىز .
ئوخشاشلىقىمىز خىلى باردەك قىلىدۇ . مەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن .
QQ : 281028338
Email :pamir18@yahoo.com.cn

چوققا

ئالاقىلىشىش qq نومۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ...

چوققا

بۇ ئىنكاس ئۆچۈرۈلدى .......................

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: uyxman ، ۋاقتى: 2008-10-21 08:03 ]

چوققا

ياخشى ئويلاپسىز، بۇ ئىشلىرىڭىزنى بەكمۇ قوللايمەن. مەنمۇ قولۇمدىن كىلىشىچە يارىدەم قىلىمەن.

ئارسىلانغا ئىت باش بولسا،ئارسىلان ئىت بولغۇسى.

چوققا

يېڭى تېما يوللاش