بىلىك كۇلۇبى
 27 123
يېڭى تېما يوللاش
پرىنتېرغا يوللاش

[بۈركۈت-پىكىر بېرىڭ] ئېلكىتاپ گۇرۇپپىسى

[بۈركۈت-پىكىر بېرىڭ] ئېلكىتاپ گۇرۇپپىسى

كۇلۇبىمىزدىكى «بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى» دىن بارلىق تورداشلارنىڭ خەۋىرى بار. بۇ گۇرۇپ ناھايىتى يۇقۇرى تەشكىلچانلىق ۋە پىلان بىلەن نۇرغۇن چەتئەل فىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىق تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ بار بولۇشى، كۆلۈمىنىڭ كېڭىيىشى ھەققىدە كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى ۋە بۇ ساھەدە بوشلۇقنى تولدۇردى.

مەن كۇلۇبقا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق (PDF) كىتاپ گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىش ھەققىدە ئويلۇنۇپ كەلگەن ئىدىم، لېكىن ئۆزەم ئالدىراش بولغاچقا بۇ ھەقتە بۇرۇن ئېغىز ئاچمىغان. ئالدىنقى يىللىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېر مەستانىلىرى ژورنىلى 6-5 سان نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق. يەنە يېقىندا ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر تورداشنىڭ مۇشۇنداق گۇرۇپ قۇرۇش گېپى چىققاندا، يەنە بىر ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچى تورداش بۇ گۇرۇپپىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. (شەندوڭ ئۇنۋېرىستېتىدىغۇ دەيمەن.)

«ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلاتلىرىڭنىڭ پۇتىغا سانچىلىدۇ.» بۇ كۇلۇبتىكى مەلۇم بىر تورداشنىڭ، مەن ياقتۇرىدىغان ئىمزاسى. بىلىكتىكى تورداشلارنىڭ تەشكىللىنىپ، مۇنتىزىم گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ساھەسىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرساق دىگەن ئۈمىتتە. ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابى، ئىنگلىز تىلى گىراماتىكىسى، كومپيۇتېر بىلىملىرى، مەلۇم يۇمشاق دېتاللار ھەققىدە (بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) ئېلكىتاپ ئىشلەپ، ئۇنى ھەقسىز تارقاتساق. قېرىنداشلىرىمىز ئورتاق پايدىلانسا، بىز بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئىلىم-بىلىم ئىگەللىسەك، ئالغا باسساق. بۇ ئىش ۋۇجۇتقا چىقىپ قالسا، كۇلۇبىمىزدا ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ سەھىپىسى تەسىس قىلىشنى ئويلىشىپ باقساقمۇ بولىدۇ.

مېنىڭ ۋاقتىم قىس بولغاچقا، بۇنداق گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ قالسا، ئۇنىڭغا باش بولالمايمەن. لېكىن بىر كىشىلىك ئەزا بولۇپ، تېگىشلىك كۈچ چىقىرىش ئارزۇيۇم بار.

قېنى تورداشلار، بۇ ھەقتە ئۆزەڭلارنىڭ ئويلىغىنى، پىكرىنى بېرىپ بېقىڭلار.

چوققا

ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاپسىز بۇ بىزدە يىڭى ئۈگۈنەۇچىلەر ئۈچۇن ياخىش بىر ئىش بۇلۇپتۇ . ھەمەيلەن تىرىشساقلا چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز .

چوققا

ئوبدان پىكىر بوپتۇ . مەنمۇ قوللايمەن . بولسا ئىنگىلىزچە ، خەنزۇچە ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ ئىلكىتاب قىلىپ توپالام قىلىساق بۇ بەك ياخشى بولىدۇ دە . بىزگىلا ئەمەس كېينكى ئەۋلاتلارغىمۇ زور پايدىسى بار . بۈركۈت ئەپەندىمنىڭ بۇ تېمىنى يوللىغىنى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ .

چوققا

ياخشى پىكىر بولدى.مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن . بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتا ئەليار ئەپەندىمۇ خىلى ياخشى
ئەتراپلىق پىلانلار نى تۈزگەن لىكىن، ئۆزى ئالدىراش بولۇپ كىتىپ بۇ ئىش توختاپ قالدى.
ئارلىقتا مەن كونا بىلىك كۇلۇبىدىكى نادىر تېمىلارنى توپلاپ ئالاقىلاشقان بولساممۇ جاۋاپ كەلمىدى.
بۇتوپلانما ھازىر مەندە بار. كۈلكە ئەپەندى ئازىراق ياردەمدە بولغان بولسىمۇ ئىشلارنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بۇ ماتىرىيالمۇ بىسىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن چوقۇم بۇ تىمىلارنى ئېلكىتاب قىلىپ يوللاشقا تىرىشىمەن.

ئىمزايىمنىڭ بۈركۈت ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىدىن خۇشالمەن

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Jewlaniy ، ۋاقتى: 2008-2-29 07:06 ]

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.
http://www.bilik.biz/

چوققا

نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: Jewlaniy ، ۋاقتى: 2008-2-29 10:39
ياخشى پىكىر بولدى.مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن . بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتا ئەليار ئەپەندىمۇ خىلى ياخشى
ئەتراپلىق پىل ...
ئاۋۇ گەپنى ئوقۇپ بىردەمدە ئىمزاغا چېقىرىۋالغان گەپما چاقچاق
ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ ،مۇشۇنداق گۇرپا بولۇپ قالسا مەنمۇ ئەزا بولۇپ بىر كىشلىك تۆھپەمنى قوشسام

چوققا

امەنمۇ قوللايمەن. مەنمۇ بۇرۇن گوگۇلنىڭ ھەقسىز بوشلۇقىدىن ئىلىپ ، بەت ياساپ، ئۆزۈم ئىشلىگەن بىرقانچە ئېلكىتاپلارنى يوللاپ قويغان ئىدىم. كىيىن ۋاقتىم يەتمەي تاشلاپ قويغان. مۇشۇنداق بىر گۇرۇپپا بولسا،ھەممىمىز ھەمدە بولساق. بۇ ئىش چوقۇم روياپقا چىقىدۇ. مۈمكىن بولسا بىلىك كۇلۇبىدا بوشلۇق ئاجرىتىپ، ئېلىكتاپلارنى مۇشۇ بىلىك كۇلۇبىغا قويغان بولساق تىخىمۇ ياخشى بولاتتى. ھەممەيلەن ئىشلەنگەن بارلىق ئېلكىتاپلارنى بىلىك كۇلۇبىدىنلا تاپقىلى بولسا نىمىدىگەن ياخشى ئىش بولاتتى ھە.

ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى
مەنزىل: http://ilkitap.blogbus.com

چوققا

ئىنتايىن ياخشى پىكىر بوپتۇ!!!
ئالدى بىلەن بىر نەچچەيلەن بىر يەرگە كىلەيلى! مەندە ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئىنگىلىزچە دەرسلىك كىتابى، ئىنگلىز تىلى گىراماتىكىسى، كومپيۇتېر بىلىملىرى، قاتارلىقلار كىتابلارنىڭ ئەسلى(PDF) نۇسخىللىرىدىن خېلى بار ، مۇشۇلاردىن پايدىلانساق بولىدۇ، ۋە ياكى توردىن چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولىدۇ، ھەر بىرىمىز بەت سانى ۋەياكى پاراگىراف بويىچە ۋەزىپە ئىلىپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ ، خۇددى «ئۇيغۇرچە XP تەرجىمە گورۇپپىسى» دىكىلەرگە ئوخشاش ، (ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ .)
ئالدى بىلەن قەيەردىن ، كىم-كىملەر بىلەن باشلايدىغانلىقىمىزنى توردا بىر يەرگە كىلىپ مەسلەھەتلەشسەك بولىدۇ .
باشقا پىكىر-تەكلىپلەر بولسا ئوتتۇرغا قويساڭلار .

For You A Thousand Times Over

چوققا

نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: abral ، ۋاقتى: 2008-2-29 11:41
امەنمۇ قوللايمەن. مەنمۇ بۇرۇن گوگۇلنىڭ ھەقسىز بوشلۇقىدىن ئىلىپ ، بەت ياساپ، ئۆزۈم ئىشلىگەن بىرقانچە ئېلكىتا ...
بوشۇق مەسىلىسىنى كېيىن ئويلىشىلى

چوققا

بولىدىغان گەپكەن!! ئۇيغۇرچە توربەتلەردە ھەدىسە ئاقماس كىنو ناخشىلارنى ئاۋۇتماي ئەسقاتقۇدەك نەرسىلەرنى كۆپەيتكۈلۈك!! ۋاقتىم ياربەرسە مەنمۇ ھە-ھۇ دېيىشەرمەن ۋاقتى كەلگەندە.

ياۋا كەپتەر~~

چوققا

ياخشى پىكىر .ئەگەر قۇلۇمدىن كەلسلا مەنمۇ تەييار.

چوققا

 27 123
يېڭى تېما يوللاش