بىلىك كۇلۇبى
 16 12
يېڭى تېما يوللاش
پرىنتېرغا يوللاش

ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچىنىڭ كودى توغرىسىدا

ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچىنىڭ كودى توغرىسىدا

ئىلاۋە: بۇ تېما UKIJ تورىدا ۋارىس ئەپەندىم تەرىپىدىن يېزىلغان تېما ئىكەن. بۇ تېما ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كود ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېما بولغاچقا ھەم بىلىك كۇلۇبىدىمۇ، ئۆلچەم، فونت ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولۇۋاتقاچقا، بىلىك كۇلۇبىغىمۇ كۆچۈرۈپ قويدۇم. كۇلۇبتىكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە فونتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە قىزىقىدىغان قېرىنداشلار ۋە باشقا كەسپ ئەھلىنىڭ بۇ تېمىغا دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. -بۈركۈت.

ئەسلى تېما مەنبەسى:
http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=472
-----------------------------------------------------------------

ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچىنىڭ كودى توغرىسىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=431 دىكى چاقىرىققا ئاساسەن تۈزىتىلگەن فونتلار داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ...

فونتلار رەسمىي تارقىتىلىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى مەسىلىنى كۆپچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت ياسايدىغان تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ، پىكىرىنى ئېلىپ ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ قارار چىقىرىشى لازىم دەپ قارايمەن:

ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچە ئۈچۈن قايسى كود ئورنىنى ئىشلىتىمىز؟

ئۇلار ئۈچۈن نۆۋەتتە تۆۋەندىكى كود ئورۇنلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئىشلەتمەكچى بولىۋاتقان ئەھۋاللار بارىكەن:

سىزىق (_) سىزىقچە(-)

002D 005F
2013 2014
FE63 FE58

بىز بۇرۇن 002D ،005F لارنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئاساسىغا (يەنى ئېگىزلىكى «ھـــــــــــاجى» دىكى ھ بىلەن ا ئارىسىدىكى سوزۇش بەلگىسىنىڭ ئورنى بىلەن تەڭ ئورۇن) ماسلاشتۇرۇپ «ئۇيغۇرچە مەتبەئە تەلىپى» گە «ماسلاشتۇرۇدۇق» دەپ قاراپ شۇ بويىچە ئىشلەتكەنىدۇق (شەخسەن مەن شۇنداق قىلىشنى كىم ياكى قايسى ئورۇننىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلمىگەچكە تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويدۇم. بۇنداق قىلغىنىم ئۇنى ئىنكار قىلغىنىم ياكى جەزىملەشتۈرگىنىم ئەمەس).

002D ،005F لەرنى لاتىنچە ھەرپلەرمۇ ئىشلەتكەچكە، ئۇلارنىڭ ئورنى «ئۇيغۇرچە مەتبەئە تەلىپى» گە «ماسلاشتۇرۇلغان» دىن كېيىن، لاتىنچە تېكست يازغاندا شۇ تېكستكە نىسبەتەن ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ئورنى توغرا بولمىغاندەك تەسىر بېرىپ تۆۋەندىكىدەك ئېھتىماللىقلارنى تۇغدۇردى:

1) ئۇيغۇرچە فونتلاردىكى 002D ،005F لەرنىڭ ئورنىنى «ئۇيغۇرچە مەتبەئە تەلىپى» گە «ماسلاشتۇرۇپ»، ئۇ ئىككى بەلگىنىڭ لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ماسلاشماسلىقى بىلەن كارىمىز بولماسلىق ياكى لاتىنچە ھەرپلەرنى باشقا لاتىنچە فونتلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ بېسىش.

2) 002D ،005F لەرنىڭ ئورنىغا چېقىلماسلىق، ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچە ئۈچۈن 2013، 2014 ياكى FE63 ،FE58 لارنىڭ بىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش.

مەن ئەرەب يېزىقىدىكى گېزىلەرنىڭ تور بېكىتىگە قاراپ باقسام كۆپىچە سىزىقچە ئۈچۈن 002D نى ئىشلىتىپتۇ، بەزىدە 2013 نى ئىشلەتكەن ئەھۋاللارمۇ بارىكەن. مەسىلەن: «ۋەتەن» تور بېكىتى http://www.alwatan.com.sa/news/n ... 91518&groupID=0 ۋە «ھايات» تور بېكىتىدىكى http://www.daralhayat.com/world_ ... bfd3148b/story.html دىكى سىزىقچىلارنىڭ ئورنىغا قاراڭ.

مەن ئىشلىتىۋاتقان Windows XP دىكى ئەرەبچە كىرگۈزگۈچلەردە 002D ،005F لەرنى ئىشلىتىدىكەن، ئەمما ئۇ بەلگىلەرنىڭ ئەرەبچە فونتلاردىكى ئورنى لاتىنچە فونتلارنىڭ ئىچىدىكى ئورۇنلار بىلەن ئوخشاشكەن. يەنى ئۇلار «ئەرەبچە مەتبەئە تەلىپى» گە «ماسلاشتۇرۇش» ئېلىپ بارماپتۇ (بەلكىم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەشۇ خىل ھالەت «ئەرەبچە مەتبەئە تەلىپى» دەپ قارالسا كېرەك) . ئەگەر شۇنداق بولسا، بىزگە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: بىزنىڭ يېزىقىمىزمۇ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق بولغاچقا 002D ،005F لارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتمەي ئۇيغۇرچە ئۈچۈن ئىشلىتىۋېرىپ، شۇنداق قىلىشنى ئۇيغۇرچە مەتبەئە تەلىپىگە ئۇيغۇن دەپ قاراشقا بولامدۇ؟

ئەگەر ئۇنداق دەپ قاراشقا بولمىسا، ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچىلارنى ئەرەبچىدىن پەرقلەندۈرىمىز دېسەك، ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچىلار قانداق بولۇشى كېرەك؟ قايسى كودلارنى ئىشلىتىمىز؟ Windows Vista ۋە يېڭىدىن چىقىدىغان Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردە قايسى كودلار ئىشلىتىلگەن؟ (مەن ئۇلارنى قاچىلاپ باقمىغان بولغاچقا سىناپ باقمىدىم، ئىشلىتىپ باققانلار تەكشۈرۈپ بېقىپ پىكىر بەرسەڭلار ...)
----------------
قوشۇمچە: شەخسەن مەن، «ئويغان» كىرگۈزگۈچنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا بۇ ئىككى بەلگە ئۈچۈن Windows Vista ۋە يېڭىدىن چىقىدىغان Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى ئىشلەتكەن كودلارنى ئىشلىتىمەن. ئەگەر باشقىچە پىكىرلەر بولۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسايدىغانلار ئارىسىدا پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىش مۇمكىن بولسا كۆپچىلىك بىرلىككە كەلگەن تاللاشقا ھۆرمەت قىلىمەن.





ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى دائىمىي ئەزاسى
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز

چوققا

ئەرەبچىگە ئەگىشىشنى جۈملىدىن مەن قوللايمەن، چۈنكى نۇرغۇن سېستىمىغا ئائىت ئىشلارنى ئۆزىمىز قىلالمىغاچ ئەرەبچىدىن پايدىلانساق تەييار پروگراممىلاردىن پايدىلنىش ئېھتىماللىقى كۆپ بولىدىكەن

چوققا

ئارىمىزدا ئەرەب يېزىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ ئەرەب يېزىقىدىمۇ سىزىق، سىزىقچە دىگەندەك تىنىش بەلگىلىرى بارمۇ؟

ئارىمىزدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغانلار جاۋاپ بېرىڭلار، سىلەر ياسىغان كىرگۈزگۈچلەردە، ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچە ئۈچۈن قايسى كودلارنى ئىشلەتكەن؟ بۇنىڭغا كامىدا ئۇيغۇرسوفت ۋە ئەلپىدالار جاۋاپ بەرسۇن.

چوققا

بىلىك كۇلۇبى ئىزدەنگۈچلەر ئۈچۈن بىلم ئېلش سەھنىسى بۇلۇشقا مۇناسىپ دىيشكە بولغۇدەك.

كەلكۈن

چوققا

ئەلپىدا كىرگۈزگۈچلىرىدە 0x2013 ۋە 0x2014 كودلىرى قوللىنىلغان.

www.alpida.com

چوققا

ئەلكاتىپتا سىزىقچە ئۈچۈن 002D ئىشلىتىلگەن، سىزىق ئۈچۈن تىل-يېزىق كومىتېتى ئۆلچەملىك دەپ تارقاتقان خەت نۇسخىلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىردەك بولۇشى ئۈچۈن، 2212 نى ئىشلەتكەن.

چوققا

تۆۋەندە ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچە توغرىسىدا بىر ئاز ئىزدىنىپ كۆرگەنلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:

تىنىش بەلگىلىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتى تور بېكىتىدە http://www.unicode.org/charts/symbols.html دىكى تىنىش بەلگىلىرى مەخسۇس بېتىدە ئېنىق كۆرسەتكەن.

ئۇندىن باشقا يەنە http://www.unicode.org/charts/PDF/UFE50.pdf دىكى جەدۋەلدە بىر قىسىم تىنىش بەلگىلىرى «تىنىش بەلگىلىرىنىڭ كىچىك ۋارىيانتلىرى» شەكلىدە قوشۇپ قويۇلغان. http://everything2.com/e2node/Small%2520Form%2520Variants دا «تىنىش بەلگىلىرىنىڭ كىچىك ۋارىيانتلىرى» جەدۋىلىنى «دىققەت قىلىشقا ئەرزىمەس» كود رايونى دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئۇ رايوننىڭ پەقەت كونا كودلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن Unicode جەدۋىلىگە قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە باشقا تور بېكەتلەردىكى مەزمۇنلاردىن تاپقان ئۇچۇرلاردىكى مەزمۇنلاردا «تىنىش بەلگىلىرىنىڭ كىچىك ۋارىيانتلىرى» كود رايونىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنى قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئازلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا FE63, FE58 لارنى ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچە ئۈچۈن تاللاش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن.

http://everything2.com/title/hyphen ۋە http://en.wikipedia.org/wiki/Dash دىكى مەزمۇنلاردا سىزىق ۋە سىزىقچىنىڭ كود مۈجىمەللىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ قايمۇقۇپ قالغانلىقى، بەزىلەرنىڭ سىزىقچە ئۈچۈن، شەكلى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، مىنۇس بەلگىسى (ئارىفمېتىكىلىق ئېلىش بەلگىسى) ئۈچۈن بېرىلگەن ئورۇن 2212 دىكى بەلگىنىمۇ ئىشلەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇ يەردىكى ئۇچۇرلاردا سىزىقچە ئۈچۈن 002D, 2013لەرنىڭ، سىزىق ئۈچۈن 2014 نىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك بۇ قالايمىقانچىلىق يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغىلا كەلگەن ئەمەس.

ئۇيغۇرچىدا سىزىق كۆپىنچە ئەھۋالدا دىئالوگ جۈملىلىرىنىڭ بېشىدا كېلىدۇ، ئەمما جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. سىزىقچە بولسا بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا كېلىپ سۆزلەرنى ئايرىش رولىنى ئوينايدۇ(مەسىلەن: تاغدىن - باغدىن، ئايرىم - ئايرىم...)؛ رەقەملەرنىڭ ئارىسىدا كەلگەندە «... دىن ... غىچە، دىن ... نى ئالسا ...» دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەپمۇ كېلىدۇ(مەسىلەن: 2000 - 3000، 2009.1.25 - 2009.1.31، 2009-2004 = 5). سىزىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن سىزىقچىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.

مەن ئەرەبچە سىزىق ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرگەن بولساممۇ، ئەرەبچىدە سىزىقنىڭ بار-يوقلۇقى، قانداق ئورۇندا ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپالمىدىم. ئەمما، ئەرەبچە سىزىقچە توغرىلىق بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. ئەرەبچە سىزىقچىمۇ سۆزلەرنى ئايرىش رولىنى ئۆتەيدىكەن. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:


http://www.daralhayat.com/world_ ... bfd3148b/story.html نى چېكىپ ئەسلى تېكستنى كۆرۈڭ.


ئۇ رەسىمدىكى سىزىقچىلارنىڭ كودى ئىككى خىل ئىكەن، يەنى 002D ۋە 2013. ئەمما ئۇ بېكەتتىكى كۆپىنچە مەزمۇنلاردا 002D ئىشلىتىلگەنىكەن. Windows تىكى ئەرەبچە كىرگۈزگۈچلەرمۇ ئەرەبچە سىزىقچە ئۈچۈن بىردەك 002D نى ئىشلىتىدىكەن. يۇقىرىدىكى تېكىستتىكى بەزى سىزىقچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن 2013 بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك پەرەز قىلدىم: ئۇ تېكىست Microsoft Word تا يېزىلغان بولسا، Word نىڭ «بىر سۆزدىن كېيىن بوش ئورۇن قويۇپ ئاندىن سىزىقچىنى بېسىپ يەنە بىر بوش ئورۇن قويۇپ يەنە بىر سۆز يېزىپ ئاندىن بوش ئورۇن قويغاندا ياكى تىرناق ياپقاندا» 002D نى ئىشلىتىپ كىرگۈزگەن سىزىقچىنى ئاپتوماتىك ھالدا كودى 2013 بولغان سىزىقچىغا ئۆزگەرتىۋېتىش ئىقتىدارى بۇ «قالايمىقانچىلىق» نى چىقارغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ھادىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن «ئويغان» كىرگۈزگۈچ بىلەن تۆۋەندىكى جۈملىنى Word دا كۆچۈرۈپ كىرگۈزۈپ بېقىڭ (ULY دا يازسىڭىزمۇ بۇ «ھادىسە» نى كۆرەلەيسىز).

مەن ئارقا - ئارقىدىن «تاغدىن - باغدىن» سۆزلىمىدىم. («ئارقىدىن» دىن كېيىن بوش ئورۇن قويغاندا ۋە «باغدىن» دىن كېيىن قوش تىرناق ياپقاندا سىزىقچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىڭ.)

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىزىقچە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كود 002D. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغىنى 2013.


ئەمدى سىزىق مەسىلىسىگە كەلسەك، 005F نى http://www.unicode.org/charts/PDF/U0000.pdf دا «ئاستىنقى سىزىق» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن بولغاچقا ئۇنى ئۇيغۇرچە سىزىق ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. «ئويغان» كىرگۈزگۈچتە بۇرۇنقى ئادىتىمىز بويىچە 005F ئىشلىتىلگەن، بۇ خاتالىق يېڭى نۇسخىسىدا تۈزىتىلىدۇ.

005F نى ئۇيغۇرچە سىزىق ئۈچۈن ئىشلىتىش خاتا بولغاچقا بىزگە بىرلا تاللاش قالىدۇ، يەنى 2014 نى سىزىق ئۈچۈن ئىشلەتسەك بولىدۇ.

«ئاستىنقى سىزىق» (005F) ئۇيغۇرچىدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، «ئاستىنقى سىزىق» نى كىرگۈزىدىغان كۇنۇپكىنى (0 نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى) باسقاندا 2014 نى ئىشلىتىدىغان سىزىقچە چىقىدىغان قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

خۇلاسە:1) ئۇيغۇرچە سىزىقچە ئۈچۈن، Word كەڭ ئومۇملاشقان يۇمشاق دېتال بولغاچقا ئۇنىڭ بەزىدە 002D نى ئاپتوماتىك ھالدا 2013 غا ئۆزگەرتىۋېتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، 002D ۋە 2013 نىڭ ھەر ئىككىسىنى ئىشلىتەيلى. ھەمدە فونتلاردا ئۇلارنىڭ غولىنى باشقا ھەرپلەر بىلەن ماسلاشتۇرايلى. ئەمما كىرگۈزگەندە، ئەرەبچە كىرگۈزگۈچلەرگە ئوخشاش 002D نى ئىشلىتىپ كىرگۈزەيلى. 2) ئۇيغۇرچە سىزىق ئۈچۈن 2014 نى ئىشلىتىپ بۇرۇنقىدەك «ئاستىنقى سىزىق» نى كىرگۈزىدىغان كونۇپكا (0 نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى) بىلەن كىرگۈزەيلى.

كۆپچىلىك بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى دائىمىي ئەزاسى
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز

ئەسلى يازما: http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=472

چوققا

مېنىڭ بۇرۇندىنلا ئويلاپ كەلگىنىم،

سىزىقچە 002D
سىزىق 2014

لېكىن بۇ لاتىنچە بەلگىلەرنىڭ غولىنى ئۇيغۇرچە غول سىزىققا توغرىلاشنى توغرا كۆرمەيمەن. ئورنىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. Microsoft Uighur فونتىدىمۇ ئۆزگەرتىلمىگەن. بۇ ھەقتە بۇرۇن رەسىملىك نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يوللىغان ئىدىم.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۇنۇپكا تاختىسى ئۇيغۇرچىگە ئالماشقاندا، كۇنۇپكىنى ئامال بار ئۇيغۇرچىگە ماسلاشتۇرۇش ئاقىلانە چارە. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە ھالەتتە، 0 نىڭ قېشىدىكى سىزىقچە-مىنۇس بەلگىسىنىڭ ئۆزىنى باسساق، سىزىقچە چىقسا، ئۇنى SHIFT بىلەن باسساق، سىزىق چىقسا بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرچىدە ئاستىغا سىزىلغان سىزىق دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. لېكىن، ئاۋال فونتتىكى ئۆلچەملەرنى بېكىتىۋالايلى. كىرگۈزگۈچ ۋە كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۆلچەمنى كېيىن بېكىتەيلى.

يەنە بىر مەسىلە، فونت ياسىغاندا، «چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان ھەرپ-بەلگىلەر» ۋە «بار بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدىغان ھەرپ-بەلگىلەر» دىگەندەك بىرەر تىزىملىكنى ۋۇجۇتقا چىقارساق.

يۇقۇردىكى كىرگۈزگۈچلەردىن مەلۇمكى، ھازىرغا قەدەر، ئوخشىمىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمنى ئىشلەتكەن. ناۋادا يېڭى فونتتا پەقەت 002D ۋە 2014 نىلا ئېلىپ، باشقا سىزىق ۋە سىزىقچىلەرنى ئالمىساق، بۇ كىرگۈزگۈچلەردە بۇرۇن كىرگۈزگەن تېكىستلەر بۇ يېڭى فونتتا تولۇق كۆرۈنمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر قايسى فونت ياسىغۇچىلار قوساقنى كەڭرى تۇتۇپ، فونتتا بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ كىرگۈزگۈچ ئۆلچىمىنى ئۆز-ئارا قوللاپ قويساق. شۇنداق بولغاندا ئىشلەتكۈچىلەرگە قولاي بولىدۇ، بۇرۇنقى كىرگۈزگەن تېكىستلىرى نورمال كۆرۈنىدۇ.

ئۆلچەم بېكىتىلگەندە، فونتلاردا، 002D ۋە 2014 لەر بولسا، «چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان بەلگىلەر» قاتارىغا كىرىدۇ. ئەمدى بۇرۇن ئىشلىتىپ قالغان 2013، 2212 دىگەندەكلەر «بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدىغان بەلگىلەر» بولىدۇ. مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇ نۇقتا ئىدى. بۇنداق بولغاندا، بىرىمىزنىڭ فونتى يەنە بىرىمىزنىڭ كىرگۈزگۈچ ئۆلچىمىنىمۇ قوللىسا، بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق. لېكىن بۇنداق قىلغاندىمۇ، يۇنىكود ۋە دۆلەت ئۆلچىمىدە قەتئى چىڭ تۇرۇش كېرەك.

چوققا

مەنمۇ بۇرۇنقى بۇ توغرىسىدىكى «ئىزدىنىشلىرىم» ۋە «تەتقىقاتلىرىم» («بىلىك» تىكى يازمىلىرىمدا شەرھىلەپ ئۆتكەندەك) غا ئاساسەن، «سىزىقچە» ئۈچۈن U+002D HYPHEN-MINUS نى ئىشلىتىشنى (U+2013 EN DASH بولسا تاللاش خاراكتېرلىك)؛ «سىزىق» ئۈچۈن U+2014 EM DASH نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

لېكىن، 002D بىلەن 2014 لەرنىڭ ئېگىز-تۆۋەنلىك ئورنىنى مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ خەت غولىغا توغرىلاپ، ئۇيغۇرچىغا «ماسلاشتۇرۇش» نى بولسا تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم. چۈنكى بۇ ھەرپلەر ئۇيغۇرچە ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى لاتىنچە (ۋە\ياكى باشقا تىللاردىكى) ھەرپ-بەلگىلەر ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا مەخسۇس مەتبەئەدە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە فونتلاردىن باشقا فونتلاردا ئۇلارنىڭ ئورنىغا قەتئىي چېقىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.

چوققا

نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: Eagle ، ۋاقتى: 2009-2-24 03:43 PM

قوشۇمچە: شەخسەن مەن، «ئويغان» كىرگۈزگۈچنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا بۇ ئىككى بەلگە ئۈچۈن Windows Vista ۋە يېڭىدىن چىقىدىغان Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى ئىشلەتكەن كودلارنى ئىشلىتىمەن. ئەگەر باشقىچە پىكىرلەر بولۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسايدىغانلار ئارىسىدا پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىش مۇمكىن بولسا كۆپچىلىك بىرلىككە كەلگەن تاللاشقا ھۆرمەت قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى دائىمىي ئەزاسى
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز
مېنىڭ بىلىشىمچە، Windows Vista ۋە Windows 7 دە، «پالانى بەلگىلەر ئۇيغۇرچە سىزىق ۋە سىزىقچىلار دىگەن شۇ» دەپ بەلگىلەنمىگەن.

ھازىرقى ۋاقىتتا ئاساسلىق كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچىلار مۇشۇ يەرگە جەم بولۇپسىلەر. مۇمكىن بولسا ياسىن ئىمىن ئەپەندىم ۋە تۇرسۇن سۇلتان ئەپەندىممۇ كەلگەن بولسا، ھەممەڭلەر تەق بولاركەنسىلەر ئىدۇق. مۇشۇ يەردە ئۆزىمىز مۇزاكىرە قىلىشپ، ئورتاق بىر ئۆلچەمگە كېلەلىسەك، بۇ ئۆلچەم كېيىن ئاپتونۇم رايۇن ۋە دۆلەت ئۆلچىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، خۇددى بۇرۇنقى ئەھۋالغا ئوخشاش. شۇڭا بۇ مۇزاكىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلايلى. ھەم يەنە باشقا كېلەلمىگەنلەرگە خەۋەر بېرىپ، مۇمكىن بولسا، ئۇلارنىمۇ بۇ يەرگە توپلايلى. كۆپنىڭ ئەقلى، كۆزى كۆپ.

چوققا

 16 12
يېڭى تېما يوللاش