بىلىك كۇلۇبى
 45 12345
يېڭى تېما يوللاش
پرىنتېرغا يوللاش

[بۈركۈت] ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش

[بۈركۈت] ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش

بۇ تېمىغا يېزىلغان ھەر قانداق ئىنكاس بىردەك يۆتكىلىدۇ ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ! ھەر قانداق ئىنكاسنى تۆۋەندىكى قوشماق تېمىدا بېرىڭ:

http://www.bilik.cn/bbs/viewthre ... &extra=page%3D1

بۇ ساھە بۇنداق ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بەكمۇ سىرلىق تۇيۇلىدۇ. لېكىن يولىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن بۇ ئانچە تەس ئىشمۇ ئەمەس. مەن ئۆزەم بۇ يولنى بېسىپ باققان بولغاچقا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بۇ يولدا ئىزدەنگۈچىلەرگە (ھالىمغا باقماي، بىلگىنىم بويىچە) مەسلىھەت بېرىپ، يول كۆرسىتىپ كەلدىم. شۇ جەرياندا توپلانغان بارلىق سۇئاللارنى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋاپلىرىنى بۇ يەردە كۆپچىلىككە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. بۇ تېمىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ، ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ۋە ياكى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئارزۇسى بارلارغا ئازدۇر-كۆپتۈر پايدىسى تېگىپ قالسا، مېنىڭ ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ.

بۇ تېما قىسقا سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە داۋاملىشىدۇ. بۇرۇنقى سۇرالغان سۇئاللارنىڭمۇ، بۇ كۇلۇبتىكى تورداشلار سورىغان يېڭى سۇئاللارنىڭمۇ جاۋابى بېرىلىدۇ. سۇئال سورىغۇچىلارنىڭ بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى، يەنى، ئىسمى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، ئېلخەت ئادرېسلىرى بىردەك چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ تېمىغا ھەرقانداق پىكرىڭلار، ئىنكاسىڭلار، سۇئالىڭلار بولسا، {«ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش» قا ئىنكاسلار} دىگەن قوشماق تېمىدا بەرگەيسىلەر. بۇ تېمىغا يېزىلغان ھەر قانداق ئىنكاس بىردەك يۆتكىلىدۇ ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ!

جۇڭگۇدا ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش 1978-يىلى ئېچىلغان، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت، ئۇلۇق داھىمىز دېڭ شىياۋ پىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بېرىپ-كېلىشتە ئەركىن بولۇش، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش» قاتارلىق بىر قىسىم دانا سىياسەت، يول-يورۇق، قانۇنلار ئاستىدا باشلانغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، نەچچە ئون مىليونلىغان جۇڭگۇلۇقلار ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇدى ۋە ئوقۇۋاتماقتا. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتسە، بەزىلىرى ئامېرىكىغا يەرلىشىپ قالدى. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق بىر چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلىرىدە كامىدا بىرەر جۇڭگۇ ئاشخانا-رېستۇرانى، ھەر قانداق بىر چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلىرىدە «جۇڭگۇلۇقلار شەھىرى» ( -- Chinatown, --唐--人--街-, 中--国--城 )، ھەر قانداق بىر ئالى مەكتەپنىڭ ھەر قانداق بىر فاكۇلتېتىدا كامىدا نەچچە، ھەتتا نەچچە ئون جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار، كامىدا بىرەر جۇڭگۇلۇق پىروفېسسور بار بولغان بىر «چوڭ، ياخشى» ۋەزىيەت شەكىللەندى.

بۇ ئىش پۈتۈنلەي ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان، جۇڭگۇ گىراژدانلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەنمۇ ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىر جۇڭگۇ پۇقراسى. شۇڭا بۇ ھەقتە ھىچنىمىدىن، ھىچكىمدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنى يوق.

ئۇنداقتا بەھۇزۇر داۋاملاشتۇرايلى...

بۇ تېمىغا يېزىلغان ھەر قانداق ئىنكاس بىردەك يۆتكىلىدۇ ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ!

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2008-2-16 09:14 ]

چوققا

1-سۇئال: ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟

(1) پۇختا ئىنگىلىز تىلى ئاساسى بولۇشى

TOEFL, GRE, GMAT قاتارلىق ئىمتىھانلاردا ياخشى نومۇر ئېلىش كېرەك.

(2) ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپتە، سىنىپىدا ئالدىنقى 5، كامىدا ئالدىنقى 10 ئىچىدە ئوقۇغان بولۇشى

بۇ زۆرۈر شەرت ئەمەس. لېكىن مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ شەرتنى ئورۇندىيالمىغانلار، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىشتىكى زۆرۈر ئىمتىھانلاردىن ياخشى نومۇر ئالالماسلىقى، كېيىن دەرسلەرنى كۆتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن.

(3) باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بولۇشى

ئامېرىكىدا، ئوتتۇرا مەكتەپ، باكلاۋۇر ئوقۇشنى ئوقۇشمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ پۇل كېتىدۇ. يىلىدا 300-200 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا.

ئاسپىرانتلىق ئوقۇشتا، ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئوقۇغۇلى بولىدۇ. شۇڭا ئاۋال ۋەتەن ئىچىدە باكلاۋۇرلۇقنى ئوقۇۋالغان كۆپ ئەۋزەل.

چوققا

2-سۇئال: مېنىڭ ئالى تېخنىكۇم (مەخسۇس كۇرس) دىپلومىم بار، مەنمۇ بېرىپ ئوقۇيالامدىم؟

ئەلۋەتتە ئوقۇيالايسىز. لېكىن سىز باشقا باكلاۋۇر ئۇنۋانى بارلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق 2 يول بار:

(1) ۋەتەن ئىچىدە ئۆرلەپ ئوقۇپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئېلىش
(2) TOEFL, GRE قاتارلىق ئىمتىھانلاردا، باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق، يۇقۇرى نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەك. بۇ باسقۇچنى تاماملىيالىسىڭىز، ئامېرىكىدا بىر-ئىككى مەۋسۇم بەزى باكلاۋۇرلۇقنىڭ دەرسىنى ئوقۇپلا، كېيىن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلاپ كېتەلەيسىز. مەن ئاشۇنداق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۈم، يەنە كۆپلىرىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدىم.

چوققا

3-سۇئال: مېنىڭ ۋە ئاتا-ئانامنىڭ كۆپ پۇلى يوق، مەنمۇ ئوقۇيالايمەنمۇ؟

ئەلۋەتتە ئوقۇيالايسىز.

بۇ يەردە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان نەچچە ئون مىليون جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەھۋالى سىز بىلەن ئوخشاش. ئۇلار ئۆيىدىن بىر تىيىن چىقىم قىلماي، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ پۈتۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتىدۇ. باشقىلار قىلالىغاننى سىزمۇ قىلالايسىز.

چوققا

4-سۇئال: پاسپورتنى قانداق ئالىمەن؟

ئامېرىكا ئالى مەكتىپىنىڭ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، شۇ ئۇختۇرۇشنى، كىملىك، نوپۇسىڭىز قاتارلىقلار بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك ج خ تارماقلىرىغا ئاپارسىڭىز ئۇلار پاسپورت بېجىرىپ بېرىدۇ.

ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلار، پەقەت كىملىكنى كۆتۈرۈپ بارسىلا پاسپورت ئالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا كەلگۈسىدە پاسپورتقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدىغانلار، ئوقۇۋاتقاندا، ئىچكىرىدىلا بېجىرىۋالغىنى ياخشى. بولمىسا دىيارىمىزدا بەزى ئىشلار سەل مۇرەككەپرەك.

چوققا

5-سۇئال: ئوقۇشنىڭ ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟

يوق. لېكىن يېشى كىچىكلەر كامىدا باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ھازىرلىغان بولۇشى، يېشى چوڭلارمۇ مۇۋاپىق ياشتا ئوقۇغىنى ياخشى. قېرىغاندا ئوقۇغان ئوقۇش ياش ۋاقتىدا ئوقۇغاندەك بولمايدۇ.

چوققا

6-سۇئال: قايسى ۋاقىتتا ئوقۇشنى باشلىغان ئەڭ ئەۋزەل؟ بۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى تۈگىتىپلا، ئامېرىكىدىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلىغان ئەڭ ئەۋزەل.

بۇنىڭ ئۈچۈن، تولۇقسىزدا ئانا تىلىنى، تولۇقتا خەنزۇ تىلىنى، ئالى مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلىنى پىششىق ئۆگۈنۈش، ئالى مەكتەپنى تۈگەتكىچە، ئوقۇشقا كىرىشنىڭ زۆرۈر ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىپ، نەتىجە ئېلىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. لېكىن پەۋقۇلئاددە تەس ئىشمۇ ئەمەس. بىزگە تونۇشلۇق، يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىم مۇشۇنداق قىلالىغان ۋە قىلغان.

چوققا

7-سۇئال: قايسى كەسپلەردە ئوقۇغان ياخشى؟ قايسى كەسپلەردىن ئوقۇش مۇكاپات ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرىراق؟

ئامېرىكىغا كېلىپ، بىرەر ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە ئوقۇماق ئاسان ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكىلىقلار بىلەن رىقابەتتە ئوقۇيدىغان گەپ، ئىنگىلىز تىلى ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى. ئۇلار بىلگەن بەزى كىچىك تىللارنى سىز مەڭگۈ بىلەلمەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسەن بېرىلمەيدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكىلىقلاردىن ئاشمايدۇ.

شۇڭا تەبىئى پەن، سانائەت پەنلىرىدە ئوقۇش، ئوقۇشقا يېتىشىپ مېڭىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش نىسبەتەن ئاسانراق. ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە ئىجتىمائى پەن كىشىلىرىگە ئانچە مۇھتاج ئەمەس، لېكىن تەبىئى پەن، سانائەت پەنلىرى، مېدىتسىنا پەنلىرىنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرىغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق.

چوققا

8-سۇئال: (بىدارئېرفان) چەت يېراق قىشلاقلىرىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھازىرلىنىدىغان شەرت بىر ئاق قەغەزگە ئوخشىشى مۇمكىن، ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنلا شەرت ھازىرلاشنىڭ بىرىنجى بوسوغىسىغا كىرگەن بولىدۇ. بۇ بوسوغىغا قەدەم ئالغاندىن باشلاپ شەرت ھازىرلىسا بەلكىم ئانچە كىچىكىپمۇ كەتمەس، بىراق بۇ يول شەرت ھازىرلاش ئۈچۈن ناھايىتى قىسقا بولىشى، ھەربىر دوقمۇشلىرىنى بەكمۇ پۇختا بېسىشى لازىم بولىدۇ، سىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە كونكىرت يول كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن...

جاۋاپ:

كونكىرت يول كونكىرت ئوقۇغۇچىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم قانۇنىيىتى بولىدۇ:

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدا ئۆز ئانا تىلى - ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش. خەنزۇ تىلىغا بەلگىلىك ئاساس سېلىش. تولۇقسىزدىكى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىولوگىيە، خەنزۇ تىلى قاتارلىقلارنىمۇ پۇختا ئۆگۈنۈپ مېڭىش. بولمىسا تولۇقتا سۆرىلىپ قالىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرىدا، خەنزۇ تىلىغا پۇختا ئاساس سېلىش. بولسا سەۋىيە ئىمتىاھانىسىغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك بولۇش.
ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىولوگىيە قاتارلىق ئاساسلىق دەرسلەرنىمۇ پۇختا ئىگەللەش. بولمىسا ئالى مەكتەپتە سۆرىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تەبىئى پەن كىتاپلىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسىنى ۋە باشقا خەنزۇچە پايدىلىنىش كىتاپلىرىنى (لۇغەتنىڭ ياردىمى بىلەن) كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇش. شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپكە چىققۇچە، خەنزۇچە كەسپىي كىتاپلارنى كۆرەلىشكە پۇختا ئاساس سېلىش. ئالى مەكتەپكە بېرىشتا، مەكتەپ ۋە كەسپنى ياخشى تاللاش.

ئالى مەكتەپكە چىقىپلا ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈشنى باشلاش. تەييارلىق مەزگىلى بولسا، مۇمكىن قەدەر، خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھانىسى ۋە باشقا ئاساسلارنى كۆرسىتىپ، خەنزۇچە دەرسكە قاتناشماسلىق ياكى سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈش. كېيىن بارلىق كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئۆگۈنۈش. مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئىنگىلىزچە خەلقارا ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجە ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش.

چوققا

9-سۇئال: بۇ ھەقتە تەپسىلى يېزىلغان بىرەر كىتاپ-ماتىريال بارمۇ؟

ئۇيغۇرچە ماتىرياللار تېخى يوق، لېكىن خەنزۇچە ماتىرياللار توردىمۇ، كىتاپخانىلاردىمۇ قۇم-كېپەكتەك تولا!

خەنزۇچە ماتىريالدىن پايدىلىنالايدىغانلار، تۆۋەندىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتاپتىن پايدىلىنىپ تۇرۇڭلار:

(بۇ كىتاپ شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرىستېتى تەرىپىدىن باش بولۇپ تۈزۈلگەن كىتاپ بولۇپ، بۇنى تۈزۈشكە ھەتتا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىمۇ قاتنىشىپتىكەن. مەزمۇنى بەك تەپسىلى، مۇكەممەل، يېڭى ئىكەن.

بۇ كىتاپنى شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرىستېتىدە ئوقۇۋاتقان، كۇلۇبىمىزدىكى FinalFantasy ئەپەندىم تەمىنلىگەن بولۇپ، FinalFantasy ئەپەندىمگە كۆپچىلىك نامىدا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

بۇ كىتاپنى بىلىك كۇلۇبىدا پات يېقىندا تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ھەقسىز تارقىتىشنى ئويلۇشىۋاتىمىز. بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بۇ تېمىنىڭ قوشماق تېمىسىغا ئىنكاس يېزىڭلار.)

http://salam2001.googlepages.com/applyingguide2007.pdf

«ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە»!

«ھەر بىرىمىز بىر كۈچ، ناۋادا ھەممىمىز بىرلەشسەك، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولىمىز.»

چوققا

 45 12345
يېڭى تېما يوللاش