تېما مەزمۇنى            
 باش بەت >> == پەن - تېخنىكا دۇنياسى == >> ئىقتىساد سەھىپىسى
[02-14] تور ۋە سودا
يوللىغۇچى:  Bidar-Qutlan   كۆرۈلىشى:  58134   يوللىغان ۋاقىت:  2006/2/15 03:34  «بىلىك كۇلۇبىدا كۆرۈش»
ئەزىز قىرىنداشلىرىم، مەن ئۆزەمگە ئىھتىياجلىق بىر يانفۇن ئالماق بولۇپ، بازاردىن ياخشى ھەم ئىشەنچلىكرەكىنى تېپىپ بولالماي، تور بەتلىرىنى ئارىلاپ باقماق بولدۇم، خەنزۇچە توربەتلىرىنى كۆرۈشتە قىينالدىم، بىزنىڭمۇ ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق تور بەتلىرىمىز بولسا چۇ؟ دەپ تاتلىق ئۈمىتلەرنى قىلدىم، سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ دېگەندەك، بىزنىڭمۇ ئەپەندى تورى دەيدىغان بىر سودا تورىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم، تىزىملىتىپ زىيارەت قىلدىم، ئۆزىنىڭ بوۋاقلىقىغا باقماي خېلى يېتىشىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ مىۋىلىرىدىن بىلىكتىكى دوستلارنىمۇ كۆرۈپ باقسا، ئىتىكىمدىن چۈشسە قونجۇمغا دېگەندەك، بىرەرسىمىزگە پايدىسى تىگىپ قالسا ھەممىمىزگە بولا دېگەن ئۈمىتلەر بىلەن ئۇ يەردىكى تور سودىسىغا پىشقان، تەجرىبىسى مول ئىچكىرىدىكى داڭلىق تور بىكەتلەردىن نەچچە يەردە "دۇكىنى" بار دوستىمىز ئارسلاننىڭ 4 پارچە ماقالىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

تور سودىسى قانداق كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ؟


توردا دوكان ئېچىپ سودا قىلىش ھازىرقى مودا كەسىپ بولۇپ قالدى،نۆۋەتتە بۇ كەسىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگىمۇ سىڭىپ كىردى،لېكىن ھەممىلا كىشى بۇ كەسىپكە ماس كىلىۋەرمەيدۇ،قارا قۇيۇق بىردەملىك قىزىقىپلا بۇ يولغا كىرىپ قېلىپ ئاخىرىنى چىقارمايدىغانلار، جاپاكەش تور قۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىز مىڭ تەسلىكتە ھازىرلاپ بەرگەن چەكلىك بوشلۇقنى ئىسراپ قىلىشقا ھەسسە قوشىدۇ خالاس ....

يېقىندا نۇرغۇن دوستلار ماڭا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ توردا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى،ئەلۋەتتە يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھەممىلا ئادەم توردا دۇكان ئېچىشقا ماس كەلمەيدۇ،بۇ كەسىپكە كىرىش ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ كەسىپنى ياخشى چۈشۈنۈڭ ،ياخشى ئۆگىنىڭ..كېسىپ ئېيتىمەنكى توردا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەپ غەلىبە قازانغانلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال ئۆزى شۇ توردا مال سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۆزىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن،شەخسەن ئۆزەممۇ شۇنداق.

توردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلىشنى بىرىنجى كەسىپ قىلىپ مۇقىم قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئىككىنجى كەسىپ قىلىش كېرەكمۇ؟؟بۇنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىمىزغا قاراپ بېكىتسەك بولىدۇ.

كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى

ئوتتۇرىھال،كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن،توردا دۇكان ئېچىپ ماللىرىنى توردا تەشۋىق قىلىپ سېتىش،ھازىرقى شارائىتتا كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر ئۇسول، ئىلگىرى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆز ماللىرىنى چوڭ سودا سارايلىرىغا كىرگۈزمىگى ئاسمانغا چىقماقتىنمۇ تەس ئىدى،مانا ھازىر تور دۇكىنى ئۇلارغا كەڭرى بىر مەيدان ھازىرلاپ بىرىپ ،نامى چىقمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ھەم تونىلىشى قىيىن بولمايدىغان بولدى،بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى داڭلىق مەھسۇلاتلار بىلەن بىرگە ئوخشاش سودا ئۇچۇر ۋە مەيدانغا ئىگە بولدى ھەتتا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان خەلقارا سودىغىمۇ يول ئېچىلماقتا....

ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى

مېنىڭ بىر نەچچە خەنزۇچە سودا تور بەتلىرىدە نۇرغۇن ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بار،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى كۆپى ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى،ئۇلار ئۆزلىرىدىكى يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان،يېڭى ئۇقۇملارنى ئاسان چۈشىنەلەيدىغان،ياشلىق جاسارىتى ۋە قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ تۇرغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تور سودا كەسپىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىياتىغا زور تۇرتكە بولماقتا،ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىدىكى بۇ خىل روھ تېخىمۇ كۈچلۈك،يەنە كىلىپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇ خىل شارائىت ۋە ۋاقىتقا ئىگە،ئۇلارنىڭ كومپىيوتېر ۋە ئىنگىلىز تىلى ئاساسى ئالدىنقى دەۋىردىكىلەردىن مۇستەھكەم،ئۇلارنىڭ تور سودىسىنى ئىنتايىن تىز ئىگىلەپ كېتىشىدە مەسلە يوق يەنە كىلىپ تور سودىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلمايدۇ. گەپ ئۇلارنىڭ قايسىسىنى تاللىشىدا....

ئىگىلىك تىكلەش دەسلەپكى غېمىدە بولىۋاتقانلار

ئۆتكەن يىلى مۇشۇ چاغلاردا مەن شېنجېندا ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر ياش بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،شۇ ۋاقىتتا بىز بىللە تاماق يىگەچ خېلى ئۇزۇنغىچە قانداق ئىگىلىك تىكلەش ؟زادى نىمە قىلىش توغرىسىدا قىزغىن سوھبەتلەشتۇق،ئەلۋەتتە تور سودىسىنىڭ گېپى ئەڭ كۆپ بولدى ،كېيىن ئالاقىمىز ئۇنداق قۇيوق بولۇپ كېتەلمىدى،يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچىسى ئۆزىدە بار بولغان ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ تور دۇكىنى ئېچىپ خېلى پايدا ئېلىپتۇ،تىلىفۇن قىلىپ سورىسام بەزىلىرىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشىكەن بەزىلىرىنىڭ سودىسى ئادەتتىكىچە بولىۋېتىپتۇ،بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇلار ئىگىلىك تىكلەشتە مۇشۇ يولنى تاللىدى،ھەم شۇ نۇقتا ئىسپاتلاندىكى تور سودىسىدا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپ بولمىغاچقا خەتىرىمۇ يىنىك بولىدۇ،مەنچە ئىگىلىك تىكلەشتە بىراقلا دەستە دەستە پۇلنى كۆتىرىۋېلىپ قىسقا ۋاقىتتىلا نەچچە ھەسسە پۇل تاپىمەن دىگەن نادانلىق،،قاراپ بېقىڭ ئىنتايىن ئاز مەبلەغ بىلەن باشلىغان تور سودىڭىز ھەر بىر زاكاسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئازراق بولسىمۇ پايدا ئالغان چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىز شۇنداق ھاياجانلىق سوقىدىكى....بۇ ھېچقانداق ھېسياتقا ئوخشىمايدۇ ،بۇ غەلىبە خوشاللىغى مەيلى ئاز بولسۇن بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە مەنسۈپ!! ئىگىلىگىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدىن كەلگەن ئىپتىخارلىق ھېسياتى!!!!
ئاندىن كېيىنكى ئىشلار سىزنىڭ سەمىمىلىكىڭىز،مەسئولىيەتچانلىقىڭىز،،،ھەمدە سىز تاللىغان تاۋارنىڭ تور سودىسىغا ماس كىلىشى ،ھەمدە سىزدىكى باھا ئارتۇقچىلىقىڭىزغا باغلىق!!ئەلۋەتتە تەلىيىڭىزغىمۇ ئازراق باغلىق..ھا ھا (چاقچاق)

تۇراقلىق ئەۋزەل مال مەنبەسىگە ئىگە كىچىك تىجارەتچىلەر

سىزدە باشقىلاردىن ئەۋزەل مال ياكى ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتى بار ئەمما كۆپ ئادەم بىلمەيدۇ،،،بۇ ھالدا سىز تور دۇكىنى ئېچىڭ ،،ھەمدە مالىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىگى ئارتۇقچىلىقىنى راسچىللىق بىلەن توردا تەشۋىق قىلىڭ ھەمدە مۇۋاپىق باھا قويۇڭ،،،بۇ چاغدا سىزدىن بىرەرسىنىڭ مېلىڭىزنى سورىمايدىغىنىغا ئىشەنمەيمەن،تور سودىسىدىكى مۇھىم بىر ئامىل مال مەنبەسى ،ياخشى بىر مال مەنبەسى سىزنىڭ غەلىبە قىلىشىڭىز ياكى مەغلۇب بولىشىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىڭىزنىڭ سودىغا ئۇستا بولۇش بولماسلىقىڭىزمۇ مەلۇم رول ئوينايدۇ.

كۈندە كۆپ قىسىم ۋاقتى تۇردا ئۆتىدىغان كىشىلەر

توردا سودا قىلىش سىزنىڭ 24سائەت توردا بولىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ،ئەمما كۈندە ئاز دىگەندە 1سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تور دۇكىنىڭىزنى رەتلەپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ قويىشىڭىز لازىم، ناۋادا سىز بىر پۈتۈن كۈن توردا يۈرىدىغان تور قۇرىتى بولسىڭىز ،ئىشىنىڭكى بۇمۇ سىزنىڭ بىر كۈچلۈك تەرىپىڭىز،چۇنكى نورمال خېرىدار بىر مالنى ياخشى كۆرگەندە ئاۋۋال ئۇنى ئەستايىدىل سۇرۇشتۇرىدۇ،بۇ چاغدا ئەلۋەتتە توردا بار بولغان سىزگە بېرىلىدىغان پۇرسەت باشقىلاردىن كۆپ بولىدۇ دە،،،يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا تور سودىسىدا نوقۇل خېرىدار كۈتۈپلا ئولتۇرماي يەنە خېرىدار،ئىھتىياج ئۇچۇرى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىزلەپ تۇرۇش لازىم،،بۇ چاغدا سىز ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭالايسىز...ھەممىدىن ياخشى سودا ئۇسۇللىرىنى خىلمۇ خىل سودىدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيسىز
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كەسىپتىكى قېرىنداشلارمۇ يوقىرىدىكى بىر نەچچە ھالقىلىق مەسلىلەرگە دىققەت قىلسىلا تور سودىسى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تامامەن مۇمكىن.

يوقىرىدىكىلەر ئەلۋەتتە مېنىڭ شەخسە قاراشلىرىم،قېرىنداشلىرىم شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىدىن پايدىلارسىلەر
باشقا سورايدىغان ياكى تەنبىھ بېرىدىغان ئىشلار بولدا ئەپەندى سودا تور بېتى ARS خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىدا پىكىر قالدۇرۇڭلار ياكى QQ:365165560 ئارقىلىق بىۋاستە ئالاقىلەشسەڭلەرمۇ بولىدۇ
ئاخىرىدا ھەممە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن
ئارسلان
http://www.apandi.com.cn/apandi%5Fbbs/ShowPost.asp?id=49

تور سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!
ئەپەندى سودا تور بېتىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئەزالار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ،دۇكان ئېچىۋاتقانلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ،،بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش،ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە نۇرغۇن دۇكان ئىگىلىرى دوكاننى ئېچىپلا ئۇنى قانداق باشقۇرۇش قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا تېخى تولۇق ئىزدىنىپ كېتەلمىدى،دۇكاننى ئېچىپ قويسىلا سودا ئۆزلىگىدىن كەلمەيدۇ مەسلە ئۇنى قانداق يۈرۈشتۈرۈش،،قانداق مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتا،،،تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىر قانچە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن ،،ئەلۋەتتە بۇلار مېنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىم،،شاكىلىنى ئېلىپ تاشلاپ مېغىزىدىن پايدىىنارسىلەر.
تاۋىرىڭىزنى چۈشىنىش ئاساسى بىلىم

تور دۇكىنى ئېچىپ بىر نەچچە خىل تاۋارلارنى دۇكىنىڭىزغا سالغان ئىكەنسىز ئۆزىڭىزنىڭ شۇ ماللىرىغا مەسئولىيەتچان بولىشىڭىز ،شۇ تاۋارلىرىڭىزنى ئەتراپلىق تولۇق چۈشىنىشىڭىز لازىم، خېرىدار سىزنىڭ مېلىڭىزنى سورىغان ئىكەن،ئەڭ كېچىككەندە 30مىنوت ئىچىدە شۇ مېلىڭىزنىڭ تەپسىلى ماتىريالى ۋە چۇشەندۇرۇشلىرىنى،رەسىملىرىنى،باھاسىنى تەمىنلەپ بېرەلىشىڭىز كېرەك.

مۇلازىمەت باھادىن مۇھىم

تور سودىسىدا مۇنداق بىر مەخپىيەتلىك بار: تور سودىسىدا باھا ئىنتايىن مۇھىم ،ئەمما مۇلازىمەت ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،بۇ يەردىكى مۇلازىمەت،تىز سۇرئىتتە ئىنكاس قايتۇرۇش،توردىكى ئىلغار ماتىريال يەتكۈزۈش،ئالاقىلىشىش قوراللىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى پىششىق ئىگىلەش ئارقىلىق خېرىدارلارنى تىز سۇرئەتتە تاۋارغا مۇناسىۋەتلىك ماتىريال بىلەن تەمىنلەش،ھەر بىر ھالقىلىق مەسلىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئىقتىدارلىق ھەم ئىشەنچىلىك سودىگەر ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە خېرىدارلار سۈرەت بىلەن بىللە ئەۋرىشكە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ،گەرچە بۇ ھالقىدا زىيان تارتىدىغىنىمىز ئېنىق بولسىمۇ،بىزگە كۈتۈلمىگەن چوڭ سودىنى ئېلىپ كېلىدۇ،توردىكى مال سېتىۋالماقچى بولغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ھەقىقى سېتىۋالماقچى بولغانلار،،لېكىن ئۇلاردا تور سودىسىغا نىسبەتەن ئىشەنچ ھەم تور سودىسىنىڭ جەريانىغا نىسبەتەن ياتلىق بولغاچقا ئىشەنچىلىك بىر سودىگەر تاپماقچى بولىدۇ،،سىز بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتى بىلەن ئىسپاتلاپ چىقالىسىڭىزلا،،غەلىبىنىڭ 80%سىزگە مەنسۈپ بولۇپ بولىدۇ.مۇنچىلىك زىياننى مەنچە مەبلەغ دەپ چۈشىنىش لازىم.

سەۋرىچانلىق غەلىبە قازىنىشتىكى ئەنگۈشتەر

تور سودىسىدا سەۋرىچان بولۇش لازىم،خېرىدار بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولغاندا بىرنەچچە يەردە سېلىشتۇرۇپ كۆرىدۇ،يەنە كىلىپ تور سودىسىنىڭ بۇنچە قولايلىقلىغىدا مائۇس بىر چېكىلىشىگىلا سىزنىڭكىگە ئوخشاش مالدىن نۇرغۇنى خېرىدارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ،ماڭا مۇنداق بىر ئىش ئۇچرىغان، بىر خېرىدار ماڭا خەت يېزىپ مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا مەلۇم بىر يانفوننىڭ باشقا دۇكاندا 900يۇەنگە سېتىلىۋاتقىنىنى مېنىڭ دوكىنىمدا 1200يۇەنگە سېتىلغانلىقىنى دىدى،ئۆزىنىڭ باشقا دۇكاندىكىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ،بۇ چاغدا مەن ئاچچىقلانمىدىم،ئۇنىڭغا نىمىشقا مېنىڭ باھارىمنىڭ ئۇلاردىن يوقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىندۇردۇم ھەمدە مېنىڭ مېلىمنىڭ تەپسىلى ماتىريالى،قوشۇنچە زاپچاسلىرىنى ئېيتىپ بەردىم،ھەمدە ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئالدىراپ سېتىۋالماي سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلدىم،نەتىجىدە ئۇ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يەنىلا مېنىڭ مېلىمنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ مېنىڭ مېلىمنى سېتىۋالدى(چۈنكى ھەر قانچە ھىلىگەر تۈلكىمۇ ھامان قويرىغىنى چىقىرىپ قويىدۇ ئەمەسمۇ) .ئويلاپ بېقىڭلار ئەگەر مەن ئۇ مەسخىرە قىلغان چاغدا گەپ قىلماي تۇرىۋالغان بولسام ياكى كارىڭ نىمە!!دىگەن بولسام ئۇ مېنىڭ مېلىمنى سېتىۋالامتى.؟

تەييارلىق خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ ئۆزىمىزنى ئۆزلىكسىز مۇكەممەللەشتۇرىشىمىز لازىم.

تور سودىسى قىلىمەن دەيدىكەنمىز بىكار ۋاقتىمىز بولسىلا تور سودىسىغا ئائىت ماتىريال كۆرۈپ،ئۇچۇر ئىگىلەپ تۇرىشىمىز لازىم،چۇنكى تور سودىسىدا قاچان؟قانداق خېرىدار بىلەن سودا قىلىپ قېلىشنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ.ئىلگىرى توردا بىرىنجى دۇكىنىمنى ئاچقان چاغدا مەن خېلى مەزگىل گاڭگىراپ يۇرگەن ئىدىم،چۇنكى ئۇ چاغلاردا تور سودىسى ھازىرقىدەك ئومۇملاشمىغان،ئۆز ئارا ئىشەنچ ئىنتايىن كام،يەنە كىلىپ تور سودىسىدا ھەممە ئادەم، كۆرمىگەن مالدىن گۇمانلىنىپ يۈرگەچكە،ھەم توردا پۇل تۆلەش باسقۇچىنى تولۇق ئىگىلەپ كېتەلمىگەچكە ناھايىتى تەس بىلىنەتتى،لېكىن ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن بۇ جەريانلارنىڭ ئەمىلىيەتتە خۇددى ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن خېرىدارلىرىممۇ كۆپەيدى ،راسىت گەپ قىلسام مېنىڭ توردىكى كۆپ قىسىم خېرىدارلىرمنى ئۆزەم خۇددى كىچىك بالىنى قولىدىن يىتىلەپ مېڭىشنى ئۆگەتكەندەك بىرمۇ بىر ئۆگەتتىم،مانا ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى مېنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرىم ،بىر قىسمى مېنىڭ ماللىرىمنى ۋاكالەتەن ساتماقتا،،چۇنكى مەن ئۇلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا ماڭالىدىم،،ھازىرقى تەرەققىيات ناھايىتى تىز،بىر كۈنكى شارائىت ،پۇرسەت ئەتىسىلا يوق،تور سودىسى تېخىمۇ شۇنداق،تەييارلىغىڭىز بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇر پۇتسە باشقىلاردىن بىر ئاز بولسىمۇ بالدۇر، كۆپ بىلسىڭىز ،سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز ئەلۋەتتە باشقىلاردىن كۆپ بولىدۇ،،،،بۇ يەردە كۆندە نۇرغۇن ۋاقتىنى توردا ئويۇن ئويناپ ياكى قۇرۇق پاراڭلىشىپ ئۆتكىزىۋېتىدىغان قېرىنداشلىرىمغا بەكمۇ ئېچىنىمەن،،،،كومپىيوتېر جەھەتتە ئۇلار توردىكى نۇرغۇن ئۇتۇق قازانغانلاردىنمۇ يوقىرى سەۋىيەدە ئىدى ...ئىسىت....

بەزى ئورۇنسىز گەپلەر بولۇق قالغان بولسا تۈزۈتۈپ پايدىلىنارسىلەر
باشقا سورايدىغان ياكى مەسلىھەت ئالىدىغان ئىشلار بولسا ئەپەندى سودا تور بېتىگە كىرىپ سۆز قالدۇرساڭلار ياكى QQ:365165560 ئارقىلىق بىۋاستە ئالاقىلەشسەڭلەر قولۇم كۆكسۈمدە..
ئاخىرىدا ھەممە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن

http://www.apandi.com.cn/apandi% ... asp?id=51&forumid=3

تور سودىسىدا قانداق تاۋارلار ئەڭ ياخشى سېتىلىدۇ؟

توردا بىر دۇكان ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن،نىمە سېتىش ئەڭ مۇھىم بىر مەسلە بولۇپ قالىدۇ،نىمە سېتىشنى قارار قىلغان چاغدا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادئەھۋالىمىز،مال مەنبەرىمىز،،پوچتا ئوبۇرۇت ئۇسۇلىمىز قاتارلىق ئەھۋاللىرىمىزنى چىقىش قىلىپ مۇۋاپىق قارار قىلىشىمىز لازىم،ھازىر تور سودىسىدا سودا پۈتۈشۈش سوممىسى يوقىرى بولىۋاتقان تاۋارلار كىيىم -كېچەك،گىرىم بويۇملىرى،ئۈنچە -مەرۋايىت،يانفون،ئۆي بېزەكلىرى،قاتارلىقلاردۇر،بۇ جەھەتتىن قارىغاندا تور دۇكىنى ئەنئەنىۋى دوكاندىن بەك زور پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ،ياخشى بازار تاپىدىغان، رىقابەت كۈچى كۈچلۇك مالنى تېپىش غەلىبە قىلىشىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر.
ساتىدىغان تاۋارنى قارار قىلغاندا چوقۇم ئۆزىمىز قىزىقىدىغان ھەمدە بىر قەدەر تونۇشلۇق تاۋارنى تاللىشىمىز لازىم، بىلمەيدىغان چۈشەنمەيدىغان ماللارنى سېتىشتىن ساقلىنىڭ،ئۆزىڭىزمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان مالنى قانداقمۇ باشقىلارغا ساتىسىز؟،يەنە بىر ئۇسول خېرىدار ئەھۋالىغا قاراپ تاۋار بېكىتىڭ،ھازىرقى تورغا چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ياشلار،ئوقۇغىچىلار،ئۇلار تورغا چىقىشتا ئويۇن ھەم كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىدۇ،بۇنىڭدىن قالسا خىزمەتچىلەر،،بۇنى چۇشەنگەندىن كېيىن ئۆزىمىزدىكى مال مەنبەسى،ھەمدە تورغا چىقىدىغانلارنىڭ ئالاھىدىكىنى بىرلەشتۇرۇپ مۇۋاپىق تاۋار بېكىتىپ تور سودىسىدىكى ئېقىمغا ماسلىشالىساق غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ.
تاۋارنىڭ خۇسوسىيىتىمۇ تاۋارنىڭ سېتىلىشىنى بەلگىلەيدۇ،ئادەتتە باھاسى يوقىرى تاۋارلارنىڭ پايدىسىمۇ يوقىرىراق بولىدۇ،ئەمما سېلىنىدىغان مەبلەغمۇ كۆپ بولىدۇ،ھەمدە ئوبوروتمۇ نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ،بۇنۇڭدا ھەم سودا تەجرىبىسى كامچىل،ھەم مەبلىغى ئاز سودىگەرلەرگە بېسىم چوڭلاپ كېتىدۇ،تور سودىدا رايون تاللىشىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ،بەزى بىر ھەجمى چوڭ .ئېغىر ھەم باھاسى تۆۋەن ماللار توردا سېتىشقا ماس كەلمەيدۇ،سەۋەبى بۇ خىل ماللارنىڭ ئوبوروت باھاسى يوقىرى بولىدۇ ،سىزنىڭ پايدىڭىزمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ،ئەگەر بۇنى ئالغۇچىغا يۈكلەپ قويسىڭىز ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى سۇزلىشىدۇ.
توردا ئەڭ تىز ئەڭ ياخشى سېتىلىۋاتقانلار نىمە تاۋارلار؟؟نىمە تاۋارلار تور سودا خېرىدارلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشتى؟يېقىندا تور سودىسىدىكى چوڭاملارنىڭ بىرسى بولغان خەلقارا تور بازىرى ebyنىڭ ئىستاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا خىرىستال،كۆمۈش زەنجىر،رەڭلىك ئېكرانلىق يانفون،كارۋات بويۇملىرى،پادىچى ئىشتان قاتارلىقلارنىڭ توردا ئىزدىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان.بۇ بىزدەك تور سودىسى قىلماقچى بولغانلارغا مۇھىم بىر ئۇچۇر تەمىنلەيدۇ،بۇ يەردە بىر مۇھىم مەسلىنى ئېيتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ،تور سودىسى قىلماقچى بولغان كىشى چوقۇم ئۇچۇر ئىگىلەشكە ماھىر بولىشى لازىم،سىزنىڭ باشقىلاردىن تىز بىلگەن بىر ئۇچۇرىڭىز سىزنى بىر سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇۋاپىق مال مەنبەئەسىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاۋۋال ئازراق مال كىرگۈزۈپ سىناپ تىجارەت قىلسىڭىز بولىدۇ،ئەگەر سېتىلىشى ياخشى بولسا داۋاملىق كۆپ مىقتاردا مال كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ،تور سودىسىدا مۇنداق بىر ئۇسۇل بار،سىز مەلۇم بىر ئاساسى بار سودىگەر بىلەن ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىن كېيىن(مەلۇم مىقتاردا زاكالەت تۇرغۇزىلىدۇ) ئۇ تەمىنلىگەن ماتىريال ئارقىلىق دۇكىنىڭىزدا مال ساتىسىز،،خېرىدار سىزگە پۇل تۆلىگەن چاغدا سىز تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ خېرىدار ئادرىسىنى بەرسىڭىز سىزگە ۋاكالەتەن مال سالىدۇ،سىز پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ پايدىسىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە ئەۋەتىپ بېرىسىز،بۇ خىل ئۇسۇل مەبلىغى ئاز، تەجرىبىسى يوق ئەمما تور سودىسى قىلىشنى پىلانلىغان يېڭى باشلىغۇچىلارغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.
http://www.apandi.com.cn/apandi%5Fbbs/ShowPost.asp?id=50

تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش

كومپىيوتېر ۋە ئىنتىرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ تور سودىسىمۇ ئاستا ئاستا تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگىنىگىمۇ خېلى بولۇپ قالدى،مانا ھازىر گەرچە سەل كېچىكىپ بولسىمۇ تۆرىخان شېركىتى باشلامچىلىقىدا ئەپەندى تور بېتى بىز ئۇيغۇرلارنى بۇ يېڭىچە دۇنياغا باشلاپ كىردى،مەيلى ئوڭۇشلۇق بولسۇن بولمىسۇن(ئۇلۇق ئاللا ئوڭۇشلۇق قىلسۇن)،ئەپەندىدىكى جاپاكەش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مېھنىتى ئۇيغۇر تور مەدىنىيىتىدىكى بىر ئىلگىرلەش،ھېچ بولمىغاندا بىر پەلەمپەي بولۇپ قالغۇسى.....
مەن تور سودىسى قىلىۋاتقىنىمغا 3يىلدىن ئېشىپ قالدى،تەجرىبە دىگىلى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئازراق بىلىدىغانلىرىم بار شۇڭا تۆۋەندە دوستلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي،مەندىن تەجرىبىلىك قېرىنداشلىرىم بولسا تەنبىھ بەرگەي،،يېڭى بۇ ساھەگە كىرگەن ھەمدە كىرمەكچى بولىۋاتقان ،شۇنداقلا تور سودىسىغا قىزىقىپ لېكىن ئىشەنچ قىلالماي تۇرغان قېرىنداشلىرىمغا زەررىچە بولسىمۇ ئەمىلى پايدىسى بولۇپ قالسا خۇرسەن ئىدىم....
قانداق قىلغاندا تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇېەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:
1.ئەڭ ئاۋۋال سىز سودا قىلماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئىشەنچ دەرىجىسى ھەم قانۇنلۇق بولۇش بولماسلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى سودا جەريانىنى كۆرۈپ بېقىشىڭىز لازىم(ھەر قانداق سودا تور بەتتە بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ناھايىتى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ)
2.ئادەتتە تور دۇكانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى مال باھاسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىغىدا ،بۇنىڭ ھالقىلىق سەۋەبى،تور سودىسىدا مال يۆتكەش،ئادەم كۈچى ،ئوبۇرۇت،ئىسكىلات،دۇكان ئىجارە قاتارلىق كۆپ خىل چىقىملار تىجىلىدىغان بولغاچقا ئالۋەتتە بازا باھاسىدىن خېلىلا ئەرزان بولىدۇ،ئەمما ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئەرزان بولۇشنىڭمۇ چېكى بار ھەر قانچا قىلسىمۇ تەننەرقىدىن ئەرزان بولۇپ كەتمەيدۇ،بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ھەددىن زىيادە ئەرزان ماللار ئىشەنچىلىك ئەمەس.
3.بىر مالغا قىزىقىپ ئۇنى سېتىۋالماقچى بولۇپ سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىشتىن بۇرۇن شۇ مال بار بەتنى ئەستايىدىل ئوقۇپ مالنى ياخشى چۈشۈنۈڭ،چۇنكى ئادەتتە تور سودىسىدا مال چىقىرىلغان بەت بىر قانۇنى ئاساسقا ئىگە توختام بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،ئىككى تەرەپ كىلىشىپ پۇل تۆلىنىپ سودا تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن بۇ بەت توختام ئارخىپى بولۇپ ساقلىنىدۇ ،ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ،بۇ بەت قانۇنى كۈچكە ئىگە،مەسلەن سىز ياخشى دىققەت قىلماي 90%يېڭى دىگەن نەرسىنى يېڭى دەپ كۆرىۋېلىپ سېتىۋالغاندىن كېيىن كونىكەن دەپ پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز ئەگەر ساتكۇچى ئەينى ۋاقتىدىكى بەتكە يازغان بولسا ئەرزىڭىز ئاقمايدۇ.
4.بىر مالنىڭ ماتىريالىنى يوقىرقىدەك تەپسىلى ئوقۇپ كۆڭۈل توختىتىپ ئالماقچى بولغان ھالەتتىمۇ،ئالدىراپ پۇل تۆلىمەڭ ئاۋۋال سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ يەنىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ ياكى زامانىۋى ئۈسكۇنىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن سۈرىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چۈشۈنۈڭ،ھەمدە بۇ جەرياننى خاتىرلەپ قويۇڭ(بۇنچىلىك ئىشنى مۇشۇ يەرگە كىرىپ مۇشۇ ماقالىنى ئوقىيالىغان ئادەم قىلالايدىغۇ دەپ ئويلاپ تولا چۇشەندۈرمىدىم).
يەنە كىلىپ باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك تور سودىسىدا نۇرغۇن چىقىملار تىجىلىدىغان ،ھەمدە بازار باھاسى بىلەن خېلى پەرقلىنىدىغان بولغاچقا پايدا بوشلۇقىمۇ چوڭ بولىدۇ،شۇڭا سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا باھادا ئېتىۋار قىلىشنى سورىسىڭىز مەنچە ھەر قانداق سودىگەر ئېتىۋار سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋەتمەيدۇ.
5.پۇل تۆلەش جەھەتتە ئەڭ ياخشىسى بىۋاستە پۇل ئەۋەتىش ئۇسولىنى تاللىماڭ گەرچە بۇ ئۇسول بىر قەدەر تىز بولسىمۇ،،بىخەتەرلىك جەھەتتە ئويلانغاندا يەنىلا سەل خەتىرى بار،ئەلۋەتتە ئۆزئارا ئىشەنچ تورغۇزۇلغان ھەمدە كۆپ قېتىم تور سودىسى ئېلىپ بېرىپ تور بەت ۋە خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن سودىگەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا،،ھازىرقى ئەڭ بىخەتەر پۇل تۆلەش ئۇسولى تور بانكىسى،ئەمما ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا مەن يەنىلا ئەپەندىگە پۇل ئەۋەتىش ئۇسولىنى ئەڭ بىخەتەر دەپ قارايمەن.
6.پۇل تۆلىنىپ سودا تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق سودىگەر بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماڭ،ھەمدە سودىگەر مالنى سالدىم دىگەندىن كېيىنمال سېلىش تالون نومىرىنى تەلەپ قىلىڭ،ھازىر ھەممە تىز يەتكۈزۈش شېركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى بار،سىز بۇ نومۇر ئارقىلىق ھەر ۋاقىت مېلىڭىزنىڭ نەگە كەلگىنىنى بىلىپ تۇرالايسىز.
7.ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئەقەللى بىر ئەقىل ئىگىسى ۋىجدان .ئىگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر بىرىمىزنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلساق نەتىجىسىمۇ ياخشى بولىدۇ،،سودىگەرمۇ خېلى جاپادا سىزگە بۇ شارائىتنى ھازىرلاپ بەرگەن ئىكەن،سىزمۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان تەكشۇرۇپ ئەگەر مالدا مەسلە بولمىسا ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالدىم مەسلە يوق دەپ تۇر بەتكە خەۋەر بېرىڭ بۇنىڭدا تور بەتنىڭ خىزمەت بېسىمۇ يىنىكلەيدۇ،ھەمدە سودىگەرنىڭمۇ ئايلانما مەبلىغى دەل ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپ تېخىمۇ ياخشى مال بىلەن تەمىنلىشىگە تۇرتكە بولىدۇ.ناۋادا مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەسلە بايقىسىڭىز بىراقلا كەيپىيات بىلەن ئىش كۆرمەڭ،چۇنكى تاماقنىمۇ كۈندە ئەتسە كۈندە بىر خىل تەم چىقىدۇ ئەمەسمۇ ،ئازماس ئاللا دەپتىكەن،ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەپلەر تۇپەيلى بەزىدە سەۋەنلىك يۇز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن،بۇنداق چاغدا ئاۋۋال ئەينى چاغدىكى مال سېتىۋالغان بەتكە كىرىپ سېلىشتۇرۇڭ(ئەپەندىگە كىرىپ ئىسىم شېفىر كىرگۇزۇپ "ماتىريالىم "نى بېسىپ،ئوڭ تەرەپتىكى سېتىۋالغان نەرسە دىگەن يەرگە كىرسىڭىز بولىدۇ)،ئەگەر راستىنلا ئىينى چاغدا بەتتىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنى بايقىسىڭىز سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى سەمىمى چۈشەندۇرۇپ ھەل قىلىپ بېرىشنى سوراڭ،ئالۋەتتە ئەقىلسىز ۋىجدانسىز ئالدامچى بولمىسىلا چوقۇم سىزگە ھەل قىلىپ بېرىدۇ ،ئىگەر يەنىلا ھەل بولمىسا ۋاقتىدا تور بەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ،بۇنىڭدا چوقۇم ھەل قىلالايسىز.
بەلكىم بەزى گەپلىرىم توغرا بولمىغان بولىشى مۇمكىن سۆزلىگىچىدە ئەيىپ يوق،،،تۇزىتىپ پايدىلىنارسىلەر
ئەگەريەنە باشقا ياردەم ياكى مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلار بولسا ئەپەندى سودا بېتىدە قىسقا ئۇچۇر قالدۇرساڭلار ياكى QQ:365165560بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ
ARSخەۋەرلىشىش ئۈسكۇنلىرى(ئەپەندى دۇكىنى) سىلەرنى مەڭگۈ ئالى سۈپەت ،قىزغىن مۇلازىمەت بىلەن قارشى ئالىدۇ!!
تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

http://www.apandi.com.cn/apandi%5Fbbs/ShowPost.asp?id=41



نومۇرى ئىنكاس قايتۇرغۇچى جەمئىي ئىنكاس:  6   «بىلىك كۇلۇبىدا كۆرۈش»  «ئىنكاس يوللاش» ئىنكاس ۋاقتى
1 ejran رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم ...ياخشى بىلم بىلەن تەمىن ئېتىپسىز ..مەن ھازىرلا كىرىپ كۆرۈپ باقاي ..ھە رەھمەت سىزگە !!!! 2006/2/15 09:48
2 nurlan بۇ ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىدىكى يەنە بىر يېڭى ئوقۇم ئىكەن، ئەپەندى تور بېتىدىكى دوستلارمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، تور دۇنياسى بىر مەۋھۇم دۇنيا، ئۇنىڭدا ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۆز ئارا مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەك، تور سودېىسى تېخىمۇ شۇنداق، ھەممىمىز ئورتاق نىيەت ۋە مەسئۇلىيەت ئاساسىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، يېڭى يېپەك يۇلى ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تۇتىشىپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ پارلاق سودا مۇۋاپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى قايتا تاپالايمىز 2006/2/15 10:01
3 Bidar-Qutlan

  نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: nurlan ، ۋاقتى: 2006-2-15 04:01
ھەممىمىز ئورتاق نىيەت ۋە مەسئۇلىيەت ئاساسىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، يېڭى يېپەك يۇلى ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تۇتىشىپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ پارلاق سودا مۇۋاپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى قايتا تاپالايمىزد..

ئېيتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق، ئىلگىرى ئاتا بوۋىللىرىمىز تۈگىگە مۈنۈپ، دۇنيانى كىزىپ، سودا ئۈچۈن يېپەك يولىنى ئاچقان بولسا، ئەمدىلىكتە كومپيۇتېرغا مۈنۈپ، ئاتا بوۋىللىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇمنى چاقتنىتىش، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن يېڭى يىپەك يولىنى بەرپا قىلىش بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ئىش بولۇپ قالدى.
2006/2/15 17:33
4 Bidar-Qutlan ماقالا ئاپتۇرىنىڭ ھازىرقى رىياللىقىمىزغا ئۇيغۇن بولغان تۆۋەندىكى بايانلىرىنى تورداشلارنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

  نەقىل:
،بۇ يەردە كۆندە نۇرغۇن ۋاقتىنى توردا ئويۇن ئويناپ ياكى قۇرۇق پاراڭلىشىپ ئۆتكىزىۋېتىدىغان قېرىنداشلىرىمغا بەكمۇ ئېچىنىمەن،،،،كومپىيوتېر جەھەتتە ئۇلار توردىكى نۇرغۇن ئۇتۇق قازانغانلاردىنمۇ يوقىرى سەۋىيەدە ئىدى ...ئىسىت....

مەن تور سودىسى قىلىۋاتقىنىمغا 3يىلدىن ئېشىپ قالدى،تەجرىبە دىگىلى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئازراق بىلىدىغانلىرىم بار شۇڭا تۆۋەندە دوستلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي،مەندىن تەجرىبىلىك قېرىنداشلىرىم بولسا تەنبىھ بەرگەي،،يېڭى بۇ ساھەگە كىرگەن ھەمدە كىرمەكچى بولىۋاتقان ،شۇنداقلا تور سودىسىغا قىزىقىپ لېكىن ئىشەنچ قىلالماي تۇرغان قېرىنداشلىرىمغا زەررىچە بولسىمۇ ئەمىلى پايدىسى بولۇپ قالسا خۇرسەن ئىدىم....

2006/2/15 18:06
5 arslan711 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالدى بىلەن قېرىندىشىم بىدار ئېرفانغا كۆپ تەشەككۈر
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن ئەپەندىدىكى بۇ بىر نەچچە ماقالىنى باشقا تورلارغا يوللىيالمىغان ئىدىم،قېرىنداشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ نەپ تىگسە مەن خۇرسەن
ياردەم كېرەك بولساwww.apandi.com.cnدىكىARSخەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدا ياكىQQ:365165560دا مەسلىھەت سورىسىاڭلار قولۇم كۆكسۈمدە
ئارسلان
2006/2/15 19:03
6 Bidar-Qutlan رەخمەت ئېيتىشقا لايىق ئەمەسمەن، بەلكى سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك، يېڭى، ياخشى بىلىملەرگە ئىگە قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە تەشەككۇرلەر ئېيتىمەن. 2006/2/15 21:16
 جەمئىي ئىنكاس سانى 6  ، ھەر بەتتە 10
بەت 1/1  |<  <<   1   >>    >| 
Powered by DiY-Page 5.2.0 © 2005-2010
Uyghur version by Bilik.CN