?? ??

 

11. شىمالىي كالىفورنىيىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشى

 

ئەركىن سىدىق شىمالىي كالىفورنىيىدىكى ئىنگلىزچە ئىسمى «University of California, Davis (UCD)»  دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپكە كېلىپلا، ئۆزىنى قوبۇل قىلغان فاكۇلتېتنىڭ مۇدىرىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۆزىگە بېرىلگەن ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ پىرسەنتىنى سەل ئۆستۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.  دەل شۇ چاغدا جۇڭگودىن قوبۇل قىلىنغان يەنە بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى ۋىزا ئالالماسلىق سەۋەبى بىلەن بۇ مەكتەپكە كېلەلمىگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئاشۇ ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن 25 پىرسەنتلىك ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىمۇ ئەركىن سىدىققا بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىقنىڭ UCD دىكى خىزمىتى 50 پىرسەنتكە، ئايلىق مائاشى بىر مىڭ دوللارغا ئۆسۈپ، مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇشىنى باشلاپ كەتتى. ياتاق بىلەن تاماق قاتارلىق تۇرمۇش خىراجىتىگە ھەر ئايدا 500 دوللار ئەتراپىدا پۇل كېتىدىغان بولغاچقا،  ئەركىن سىدىقنىڭ تاپقان پۇلى مەكتەپكە تۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامانگۈل دەرھال مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلىدى.

 بۇ ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلار ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن مۇنداق 5 ئۆتكەلدىن ئۆتىشى كېرەك ئىدى: 1) دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنىش. 2) 30 ئوقۇش نومۇرىغا توغرا كېلىدىغان ئاسپىرانتلار دەرسىنى ئوقۇپ تاماملاش. بۇ 3 ئوقۇش نومۇرىغا توغرا كېلىدىغان دەرستىن 10 دەرسكە باراۋەر بولۇپ، بۇ دەرسلەردىنمۇ خۇددى باكلاۋېر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا يېرىم مەۋسۇم ۋە مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلار ئېلىنىپ، ھەمدە تاپشۇرۇق ۋە پروجەكتلەرمۇ بېرىلەتتى. 3) دەرسلەرنى ئوقۇپ بولۇشقا ئاز قالغاندا، ئىنگلىزچە «Preliminiary Exams» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە مەنىسى «سىناق ئىمتىھان» دېگەنگە يېقىن كېلىدىغان ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈش. بۇ ئىمتىھاننى ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆز كەسپىدىكى 5 ساھەدىن 3 نى تاللاپ بېرىدۇ. يەنى ئۇ 3 دەرستىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان بولماستىن، 3 ساھەدىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان بولۇپ، ئادەتتە دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ ئىمتىھاندا شاللىنىپ كېتىدۇ. 4) ئىنگلىزچە «Qualifying Exam» دەپ ئاتىلىدىغان «لاياقەت سىناش ئىمتىھانى». ھەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسلەرنى ئوقۇپ تۈگىتىپ، دەسلەپكى ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ئىزدىنىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كېلىشكەن ئاساستا ئۆزى ئېلىپ بارماقچى بولغان تەتقىقات مەزمۇنىنى بېكىتىدۇ. ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن 3 پروفېسسوردىن تەشكىل تاپقان بىر باھالاش كومىتېتىنى تەسىس قىلىدۇ. لاياقەت سىناش ئىمتىھانىدا ھېلىقى 3 پروفېسسورغا ئۆزى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن نېمە تەتقىقات قىلماقچى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ھازىرغىچە قانداق تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغانلىقى توغرىسىدا بىر ئىلمىي دوكلات بېرىدۇ. بۇ دوكلاتقا فاكۇلتېتتىكى باشقا بارلىق پروفېسسورلار ۋە ھەممە ئاسپىرانتلىق ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ. ھېلىقى 3 پروفېسسور بۇ دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىدىن سوئال سوراپ، ئەڭ ئاخىرىدا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ ئوقۇغۇچىنى تەستىقلىسا، بۇ ئوقۇغۇچى ئاندىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى كاندىداتى بولىدۇ. ھەمدە تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر بۇ كومىتېت بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنىنى تەستىقلىماي قالسا، ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تەييارلىق قىلىپ كېلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى كېيىنكى بىر قېتىملىق پۇرسەتتىمۇ لاياقەتلىك بولالماي قالسا، ئۇ مەكتەپتىن چېكىنىدۇ.  5) دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى پۈتتۈرۈپ، ھېلىقى باھالاش كومىتېتىغا دېسسىرتاتسىيەسىدىن بىر ئىلمىي دوكلات بېرىدۇ. بۇ دوكلات يىغىنىغىمۇ باشقا بارلىق پروفېسسورلار ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دىسسېرتاتسىيىسى باھالاشتىن ئۆتسە، ئۇ ئاندىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالالايدۇ. ئۆتەلمەي قالسا خۇددى يۇقۇرىقىغا ئوخشاش يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىلىدۇ. مەيلى دەرسلەردە بولسۇن ياكى تەتقىقاتتا بولسۇن، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ.  بۇ مەكتەپنىڭ ئىنژېنېرلىق ئىنستىتۇتى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلغان تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى.

 ئەركىن سىدىق بۇ مەكتەپتىمۇ بۇرۇنقىدەكلا تىرىشىپ ئوقۇدى. بۇ مەكتەپتىكى كەسپى ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقاتتى. بۇ مەكتەپنىڭ ھەر بىر يىلى 3 مەۋسۇمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر مەۋسۇم ئىچىدە پەقەت 10 ھەپتىلا دەرس ئۆتۈلەتتى. 10 كۈن مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئېلىنىپ، بىر مەۋسۇم جەمى 12 ھەپتىدىن ئازراق ئىدى. شۇڭا دەرسلەرنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ھەممە دەرسلەردە ھەر ھەپتىدە تاپشۇرۇق بېرىلەتتى. ھەممە دەرسلەرنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ھەق ئېلىپ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ بېرىدىغان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بار بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتەكلەشتىن كېلىپ چىققان ئالدىراشلىقىغا قارىماي، تاپشۇرۇق ۋە پروجەكتنى يەنىلا كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇراتتى.  كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئەركىن سىدىقتەك يېرىم كۈن ئىشلەپ، يېرىم كۈن ئوقۇيدىغان بولغاچقا، پەقەت دەرسلەرنى ئوقۇپ تۈگىتىش ئۈچۈنلا 5 مەۋسۇم ۋاقىت كېتەتتى. شۇڭا ئامېرىكىدا باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئوخشاش 3 يىلدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالىدىغان ئىش ھەرگىزمۇ مەۋجۇد ئەمەس. UCD نىڭ ئىنژېنېرلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان ئوتتۇرىچە ۋاقىت مۇددىتى 7 يىلدىن ئاشىدىكەن. ئەركىن سىدىققا بەزى بىر تولۇق كۇرسنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىنىڭ دەرسلىرىنىمۇ ئوقۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تاللىغان بەزى دەرسلەرنىڭ 120 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاران 20 دەك ئوقۇغۇچىغا "A" بېرىلىدىغان دەرسلەردىمۇ ئەركىن سىدىق ئاشۇ "A" نىڭ بىرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىدىن ياش جەھەتتە جىق تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن رىقابەتلەشتى.  ئۇ دەرسلەرنى ئوقۇپ تۈگىتىۋاتقان دەسلەپكى 2 يىل جەريانىدا ئامانگۈل بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەملىشىپ بەردى. ئۇ ئىككىسى ھەر كۈنى كەچ سائەت 12 گىچە ئۆگىنىش قىلدى. يەكشەنبە ۋە بايرام كۈنلىرىمۇ دەم ئالمىدى. ئاشۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئەركىن سىدىق بارلىق دەرسلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ تۈگىتىپ، دەسلەپكى ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتۈپ بولدى. ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى بىر مەۋسۇم ئىشلىگەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەۋسۇملۇق باھالىشىدا ئۇ فاكۇلتېتتىكى پروفېسسورلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرىدىن جىق يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن فاكۇلتېت ئۇنىڭغا 50 پىرسەنتلىك ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي بەردى. 2- يىللىق ئوقۇش باشلانغاندا، ئۇنىڭ دەرسلەردىكى ۋە ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن، فاكۇلتېتتىن ئۇنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى پۈتۈنلەي كۆتۈرۈۋەتتى. مۇشۇ فاكۇلتېتتا ئوقۇۋاتقان، ئەسلىدە جۇڭگودىن كەلگەن بەزى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئەركىن سىدىقنىڭ ئۇستىدىن ئەرزمۇ قىلىپ باقتى. 3- يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەركىن سىدىق ئىزچىل تۈردە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ ماڭدى.

 1991- يىلى يازلىق تەتىلدە ئەركىن سىدىق بىلەن ئامانگۈل يۇرتقا تۇغقان يوقلىغىلى بېرىپ، ئامېرىكىدىن بېيجىڭغىچە بولغان سەپەر ئارىلىقىدا ياپونىيىدە توختاپ، ئۇ يەردە 10 كۈن ساياھەتتە بولدى. بۇ قېتىمقى سەپەردىن قايتىشىدا ئۇلار قىزى دىلنارەنى ئامېرىكىغا بىرگە ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىق تۇنجى قېتىم قىزى دىلنارە بىلەن بىرگە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇلار 9- ئاينىڭ 1- كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، دىلنارە 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ بىر ئېغىز ئىنگلىزچە بىلمەي تۇرۇپ، 1- سىنىپقا ئوقۇشقا كىردى ۋە تىل جەھەتتە 6 ئايدا باشقىلارغا پۈتۈنلەي يېتىشىپ بولدى. 1993- يىلى 9- ئايدا، ئامانگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسى ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېشى 4 ياشتىن ئاشقان ئوغلى دىلشاتنى ئامېرىكىغا ئەكېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ 1984- يىلى 8- ئايدا توي قىلغان ۋە 1985- يىلى 6- ئايدا تۇنجى پەرزەنتىنى كۆرگەن ئەركىن سىدىق 1993- يىلى 9- ئايدا ئاندىن ئائىلە بويىچە بىر يەرگە جەم بولۇپ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بۇ ئارىلىقتا ئۇ بالىلىرىنىڭ قانداق ئۆمىلىگىنىنى، قانداق ماڭغىنىنى ۋە قانداق تىلى چىققىنىنى كۆرمىدى. ھەر بىر ئاتا - ئانا بەھرىمەن بولىدىغان بۇ ئىشلاردىن ئۇ ئوقۇشنى دەپ مەڭگۈ مەھرۇم قالدى.

 1993- يىلى 2- ئايدا ئەركىن سىدىق مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدى: ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، ئۆمەكتىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچ كىم بىلەن كۆرۈشەلمەي قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇ چاغدا شىمالىي كالىفورنىيىدە ئەركىن سىدىق بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدىن چىققان پەرھات نىياز ئائىلىسىلا، جەنۇبىي كالىفورنىيىدە بولسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدىن چىققان مەۋلان ياسىن ئائىلىسىلا بار ئىدى. شۇڭا ھەر يىلى يېڭى يىلدا ۋە باشقا مۇھىم بايراملاردا، يا ئەركىن سىدىق ئائىلىسى 500 كىلومېتىر يول يۈرۈپ لوس ئانژېلىسقا باراتتى. يا مەۋلان ئائىلىسى 500 كىلومېتىر يول يۈرۈپ سان فرانسىسكوغا كېلەتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا ھېچ قانداق ئۇيغۇر كۆرمەي ياكى سىرتتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشەلمەي ياشايتتى. ئامېرىكىدا ئۆزلىرىدىن باشقا قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئاساسەن ئالاقە قىلىشمايتتى. ئەركىن سىدىق ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىدىغان ياكى يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرەرسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ ئوقۇشى 9- ئايدا باشلىنىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر ھالدا ئامېرىكىغا 7- ئاينىڭ ئاخىرىدىلا كېلىۋالغان ئىدى. بۇ بىر ئاي ۋاقىت ئەركىن سىدىق ياپونىيىدىن قايتىپ كېلىپ، ئامېرىكىغا مېڭىشنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىت بولغاچقا، ئۇ بىر ئاي بۇرۇن ئامېرىكىغا كېلىپ، ياتاق پۇلى تۆلەپ بىكار يۈرگەنگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئائىلىسى بىلەن قۇربان ھېيتنى بىرگە ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. يۇقىرىقىدەك ئىشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇشقا كېلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق بىر قانچە كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شۇ چاغدا ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان، 80- يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بىر - بىرلەپ ئېنىقلاپ، ئۇلارغا بىر ئۇيۇشما قۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىقنامە ئەۋەتتى. شۇ چاغدا پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە جەمى 17 ئۇيغۇر ئائىلىسى تېپىلدى (بۇرۇن ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا). ئەركىن سىدىق ئۇيۇشمىنىڭ نىزامنامىسىنى يېزىپ چىقىپ، ئامېرىكىدىكى ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى ۋە تېلېفون نومۇرى يېزىلغان بىر پارچە تىزىملىكنى تەييارلاپ چىقتى.  ھەمدە ھېلىقى 17 ئائىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە، 1993- يىلى 3- ئايدا، ئىنگلىزچە ئىسمى "Tengri-tagh Overseas Students and Scholars Association (TOSSA)" دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە مەنىسى "چەت ئەلدىكى تەڭرى - تاغلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار ئۇيۇشمىسى" بولغان بىر ئۇيۇشمىنى قۇردى. بۇ ئۇيۇشمىغا 1- يىلى ئەركىن سىدىق رەئىس، روشەن ئابباس مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئىشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا ئالاقىسى بىردىنلا كۈچىيىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار بىر شتاتتىن يەنە بىر شتاتقا بىر - بىرسىنى يوقلاپ بارىدىغان ئىشلارمۇ باشلاندى. ئۇيۇشما ئىش باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار بىر ئايلىق ژۇرنالمۇ چىقىرىپ، ئۇنى ئامېرىكىدىكى ھەممە ئۇيغۇرلارغا تارقاتتى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيۇشمىغا ئالمىشىپ رەھبەر بولۇپ ئىشلەپ، ئۇنى تاكى 1998- يىلىغىچە داۋاملاشتۇردى.

 1994- يىلى ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئىشىنى باشلىدى. ئامېرىكىدا ئىنگلىزچە ئىسمى «Peterson's Guide» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتاب بار بولۇپ، ئۇ ھەر يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىپ نەشر قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەلدىن ئوقۇشقا كەلمەكچى بولغانلارغا لازىم بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى كەسىپ بويىچە كىرگۈزۈلگەن. TOSSA پۇل چىقىرىپ بۇ كىتابتىن بىر نۇسخا (جەمى 5 قېلىن كىتاب) ئېلىپ ئەركىن سىدىققا بەردى. ئەركىن سىدىق ئۆزى بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان ئوقۇغۇچىلارغا ھېلىقى كىتابنىڭ شۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇماقچى بولغان كەسپىگە ئائىت قىسمىنى كوپىيە قىلىپ، ئۇنى پوچتا ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ماڭدۇرۇپ بەردى. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنداق ماتېرىيال ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ بىر دەم ئېلىش كۈنىنىڭ يېرىمىنى چىقىرىپ، ئالدى بىلەن بىر كوپىيە قىلىش دۇكىنىغا بېرىپ، كىتابنى كوپىيە قىلدى. ئاندىن ئۆيگە كېلىپ ئۇ ئوقۇغۇچىغا بىر پارچە خەت تەييارلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پوچتىخانىغا بېرىپ ئۇ ماتېرىيال بىلەن خەتنى پوچتىغا سالدى. گەرچە ئۆز ئوقۇشى ئۈچۈن ۋاقتىنى ئاران يېتىشتۈرۈپ ماڭالايدىغان بولسىمۇ، كۆپرەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلەلىشى ئۈچۈن، ئەركىن سىدىق ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشقان بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ خېتىنىمۇ جاۋابسىز قالدۇرمىدى. ئەركىن سىدىق بۇ ساھەدىكى سەييارە خىزمىتىنى ئىزچىل تۈردە ئېلىپ باردى.  2004- يىلىدىن باشلاپ ئۇ http://www.meripet.com دېگەن تور بېتىنى ياساپ، شۇ ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ئىشىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

 ئەركىن سىدىق دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوپتىكا ۋە لازېر نۇرى ساھەسىدىكى ئىككى چوڭ يۆنىلىش بويىچە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ بىرسى ئىنگلىزچە «Diffraction Optics» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەنە بىرسى «Nonlinear Optics» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەركىن سىدىق دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا 1- ساھەدە جەمى 4 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2 پارچە ماقالە نۇر ئارقىلىق ھايۋانلار مۇسكۇللىرىنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىش مېخانىزمىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش توغرىسىدا بولۇپ، بۇ تەتقىقاتنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇستازىدىن باشقا، بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى ۋە «قوللانما ئىلمى» (ئىنگلىزچە «Applied Science») فاكۇلتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى بىلەن بىرگە ئېلىپ باردى. ئۇ ماقالە ئەنگلىيىدە چىقىدىغان بىر داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىغا ماڭدۇرۇلغاندا، ئۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ماقالىنى دەرھال قوبۇل قىلدى.  ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى A. Huxley  بولۇپ، ئۇ كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئالىم بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بۇ ئالىم 1850- يىللىرى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىققان ئالىم دارۋىننىڭ نەۋرىسى ئىكەن. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئەركىن سىدىق  ئوپتىكىنىڭ يۇقىرىقى 2- ساھەسىدە جەمى 11 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 5 پارچىسى خەلقئارالىق داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى. ئەركىن سىدىقنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى بەك كۆپ بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى يازغاندا، ئۇنىڭغا پەقەت يۇقىرىقى 2- ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنىلا كىرگۈزدى. 1995- يىلى 3- ئايدا، ئەركىن سىدىقنىڭ دىسسېرتاتسىيىسى باھالاشتىن ئاسانلا ئۆتۈپ، ئۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى بۇ مەكتەپنىڭ ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15 كىشى ئەتراپىدا بولۇپ، ئەركىن سىدىق ئىنتايىن كەسكىن رىقابەت ئىچىدە شۇ يىللىق ھەر يىلى پەقەت بىرلا ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغان «ئەڭ ئالىي دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى مۇكاپاتى» (ئىنگلىزچە «Best PhD Dissertation Award») غا ئېرىشتى. بۇ مۇكاپات ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان بىر ئىشى بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ نەگە بارسا بۇ مۇكاپاتنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆز ئىشخانىسىدا ساقلاپ كەلمەكتە.  ئەركىن سىدىقنىڭ UCD دىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى تاكى ھازىرغىچە باشقىلارغا «ئەركىن سىدىق مەن ھازىرغىچە تەربىيىلىگەن ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرسى» دەپ يۈرۈيدۇ. 

1994- 1995- يىللىرى شىمالىي كالىفورنىيىدە ئەركىن سىدىق ئائىلىسىدىن باشقا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىن سىدىق 1995- يىلى 6- ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولاتتى. شۇڭا ئۇ 1994- يىلى 6- ئايدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ ۋاقىتتا ئامانگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ تېخى ئامېرىكىدا بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ بېرىشى ئەركىن سىدىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئالاھىدە خۇشال قىلغان ئىدى.

1994- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى UCD دىكى 1994- يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن بۇرۇن مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ئالدىدا تارتىلغان بىر خاتىرە سۈرەت.

  

1994- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى UCD مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە. سۈرەتتىكى چوڭلار ئامانگۈلنىڭ دادىسى ئەيسا سالى بىلەن ئامانگۈلنىڭ ئاپىسى رەھمەتلىك ھاۋاخان بولىدۇ. ئۇلار 1993- يىلى 9- ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، ئەركىن سىدىقنىڭ ئوغلى دىلشاتنى ئاشۇلار ئامېرىكىغا ئەكېلىپ قويغان.

  

ئەركىن سىدىقنىڭ ئاتا - ئانىسى 1994- يىلى 11- ئايدا ئامېرىكىغا ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سۈرەت ئۇلار 1995- يىلى 5- ئايدا كالىفورنىيە بىلەن نېۋادا شتاتىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان ئىنگلىزچە «Mammoth Lakes» دەپ ئاتىلىدىغان جايغا نانسى بىلەن جونلارنىڭ يېنىغا تاماشا قىلىپ بارغاندا تارتىلغان. نانسىلەر بۇرۇن «Northridge» دېگەن شەھەردە تۇرىدىغان بولۇپ، 1991- يىلىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن ھازىرقى جايغا كۆچۈپ كەتكەن. بۇ جاي قار تېيىلىش مەيدانى بىلەن ئامېرىكىغا داڭلىق بولۇپ، ئەركىن سىدىق ئائىلىسى تاكى ھازىرغىچە بەزى يىلنىڭ قىش مەزگىللىرى نانسىلارنىڭ يېنىغا قار تېيىلىش ئۈچۈن بارىدۇ.

دىلنارەنىڭ پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى بىر كورىيەلىك ئايال بولۇپ، سۈرەتتە داۋىس دېگەن شەھەردىكى كورىيەلىكلەرنىڭ بىر يىغىلىشىدا ئەركىن سىدىق دۇتار چېلىپ، دىلنارە ئۇسۇل ئوينىماقتا. ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلارنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا پۇرسەت بولسىلا مۇشۇنداق قىلىپ يۈردى. ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئەركىن سىدىق ئۆز مەكتىپىدىكى بىر قېتىملىق تالانت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە دۇتار چېلىپ ئويۇن كۆرسەتكەن بولۇپ، 2- كۈنى مەكتەپ گېزىتى ئەركىن سىدىق توغرىسىدا «ئۇيغۇر دۇتتارچىسى ئەركىن سىدىق بىر 2 تارىلىق سازدا مۇزىكا ئورۇنلىدى» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى.


باش بەتكە قايتىش

??
?? ??