|
3. باشلانغۇچ
مەكتەپ
ئەركىن سىدىق 1965- يىلى كۈزدە
ئۆيىگە 2 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئاقسۇ ھەربىي رايونى (???)
باش قوماندانلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى 4- باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا
كىردى. بۇ مەكتەپ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ بار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار،
ئەمما ئىككى خىل تىلىدىكى سىنىپلار ئايرىم - ئايرىم ئوقۇيدىغان بىر
مەكتەپ ئىدى (بۇ مەكتەپ ھازىر تولۇق خەنزۇ مەكتەپ قىلىندى ــــ
مۇھەررىردىن). ئۇ
ۋاقىتلار "مەدەنىيەت
زور
ئىنقىلابى"
تۈپەيلىدىن
پۈتۈن
جەمئىيەت
قالايمىقانلىشىپ
كەتكەن،
كىشىلەر
ئىنتايىن
كەمبەغەل
ۋە
قىيىن
تۇرمۇش
كەچۈرىدىغان
دەۋرلەر
ئىدى. مەكتەپتە
ئىشلىتىدىغان
قەغەزنىڭ
رەڭگى
قارامتۇل
بولۇپ،
پىچاق
بىلەن
ئۇچلاپ
ئىشلىتىدىغان
قارا قەلەمدە
خەت
يازسا،
قەلەم
سىياسىنىڭ
رەڭگى
قەغەزدىن
بىر
ئازلا
قارىراق
بولۇپ،
خەتنى
ئاران
تەسلىكتە
ئوقۇغىلى
بولاتتى.
قەغەزنىڭ
سۈپىتىمۇ
ئىنتايىن
ناچار
بولۇپ،
خۇددى
ساماننى
قاتتىق
سىقىپ
قەغەز
قىلغاندەك،
قەغەزنىڭ
قېتىدىكى
قىسىلغان
ياغاچ
ئۇۋاقلىرى
كۆرۈنۈپلا
تۇراتتى.
ئەركىن
سىدىق
مەكتەپ
بىلەن
ئۆي
ئارىلىقىدا
كېتىۋاتقاندا،
يولنىڭ
بويىدا
ياكى
ئەخلەت
دۆۋىلىرىنىڭ
ئىچىدە
ئالىقاندەك
بىرەر پارچە
قەغەز
كۆرۈپ
قالسا،
ئۇنى
تېرىۋېلىپ، "بۇنىڭدا
ھېساب
ئىشلەيمەن"
دەپ
يانچۇقىغا
سېلىۋاتاتتى. پەقەت
بىرلا
قەلىمى
ۋە
بىرلا
ئۆچۈرگۈچى
بار
بولۇپ،
ھەر
بىر
قەلەمنى
تاكى
ئۇزۇنلۇقى 1
سانتىمېتىردەك
قېلىپ،
بارماق
بىلەن
تۇتقىلى
بولماي
قالغان
ۋاقىتقىچە
ئىشلىتەتتى.
ئەركىن
سىدىق -1سىنىپقا
كىرگەن
كۈندىن
باشلاپلا
ئوقۇشقا
ئىنتايىن
قىزىقتى. مەكتەپكە
بەك
ئامراق
ۋە
ۋاقىتقا
بولغان
كۆز
قارىشى
ئىنتايىن
كۈچلۈك
بولغاچقا،
ئەتىگىنى
ھەرگىز
بىرەرسىنىڭ
ئۇنى
ئويغىتىپ
قويۇشىنىڭ
ھاجىتى
يوق
ئىدى. مەكتەپكە باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن
بالدۇر
كېلەتتى. مەكتەپنىڭ
ھەممە
تەييارلىقلىرىنى
ئۆزى
قىلىپ،
مەكتەپتىن
قايتىپ
كەلگەندىن
كېيىنمۇ
تاپشۇرۇقلارنى
بىرنىمۇ
قويماي
ئۆزى
ئىشلەپ
تۈگىتەتتى. سىنىپ
ئىچىدىمۇ
ئىنتايىن
ئاكتىپ
بولۇپ،
مۇئەللىم
سوئال
سورىغاندا
داۋاملىق -1بولۇپ
قول
كۆتۈرەتتى. مۇئەللىم
پات ?C
پات "ئەركىندىن
باشقا
كىم
جاۋاب
بېرىپ
باقىدۇ؟"
دەپ
سورايتتى. ئەركىن
سىدىق -1سىنىپتا
ئوقۇپ،
ئۇيغۇر
لاتىن
يېزىقىدىن
ساۋادىنى
چىقىرىپ
ئۇزۇن
ئۆتمەيلا،
دادىسىدىن
ئۇيغۇر
ئەرەبچە
يېزىقى ((UEYنى
ئۆگەندى. ئۇ دادىسى تېپىپ بەرگەن UEY
ئېلىپبە جەدۋىلىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا
UEY نى ئۆگىنىپ،
تاكى ئۇنى تولۇق ئۆگىنىپ بولمىغۇچە تالاغا ئوينىغىلىمۇ چىقمىدى. شۇنداق
قىلىپ 2 - 3 كۈن ئىچىدىلا بۇ ئېلىپبەنى پۈتۈنلەي ئۆگىنىپ
UEY
نى يازالايدىغان بولدى. ئارىلىقتىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن،
دادىسىدىن سىلاۋىيان يېزىقىنىمۇ ئۆگىنىۋېلىپ، شۇ چاغدا سوۋېت
ئىتتىپاقىدىن كىرگەن بەزى سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى
ئوقۇپ يۈردى.
60- يىللاردا ئاشلىق شەھەردىكىلەر
ئۈچۈن نورمىلىق بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە ھەر ئايدا ئۇلارنىڭ جان سانىغا
ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ يېشىغا قاراپ ئاشلىق بېرەتتى. مەسىلەن: ئەگەر سىز
15 ياش بولسىڭىز، سىزگە ھەر ئايدا 15 جىڭ ئاشلىق بېرەتتى. ئەگەر 16 ياش
بولسىڭىز سىزگە 16 جىڭ ئاشلىق بېرەتتى. كۆپرەك ئاشلىققا ئېرىشىۋېلىش
ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ نوپۇستىكى ياش سانىنى بىر
قانچە ياش يۇقۇرىلىتىۋالاتتى. شۇ سەۋەبتىن ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى
يېشى 40 - 50 لەردىن ئاشقان كىشىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز،
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نوپۇستىكى يېشى ئەسلىدىكى توغرا يېشىدىن بىر قانچە
ياش يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆيىگە يېزىدىن
كېلىدىغان تۇغقانلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئايلىق ئاشلىق
نورمىسىنى ئايدىن ئايغا يەتكۈزۈش ئىنتايىن قىيىن ئىدى. نورمىنى ئايدىن
- ئايغا ئۇلاش ئۈچۈن، ئاشلىقنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تېجىمىسە
بولمايتتى. شۇڭا ئەركىن سىدىق ئۆيىدىكى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش تاماقنى
ئاز يەپ، داۋاملىق قورسىقى ئاچ يۈرەتتى. شۇ چاغدا باشلانغۇچ مەكتەپ
سىنىپلىرىدا بىر - بىرىدىن نان قەرز ئالىدىغان ئىش ناھايىتى
ئومۇملاشقان بولۇپ، چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن بىرسىنىڭ قورسىقى ئېچىپ
كەتسە، يەنە بىرسىدىن نان قەرز ئېلىپ يەپ تۇراتتى. نان قەرز ئالغاندا
ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىگىنى ئۆلچەيدىغان مۇنداق 3 خىل ئۆلچەم
ئىشلىتىلەتتى: 1) سۈزگۈچ: ئالقىنىڭىزنى ئېچىپ، ئۇشتۇلغان ناننى
ئالقىنىڭىزنىڭ 4 بارماق قىسمىغىلا قويسىڭىز بۇ "سۈزگۈچ" نان بولىدۇ
(تۆت بارماقنى جۈپلىگەن ۋاقىتتىكى شەكلى بىر سۈزگۈچكە ئوخشىغانلىقى
ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىسىم قويۇلۇپ قالغان). 2) قولتۇق: ناننى 4
بارمىقىڭىزنىڭ ئۇچىدىن باش بارمىقىڭىز بار يەرگىچە قويىسىز. 3)
ئالىقان: ناننى پۈتۈن ئالقىنىڭىزغا توشقۇزىسىز. مۇشۇنداق نان قەرز
ئېلىش ۋە قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىدا، ئۇشتقان ناننىڭ شەكلى ئالقانغا توغرا
كەلمەي، ئالقاننىڭ بىرەر بۇرجەكلىرى بوش قالسا، ناننى يەنە ئۇششاق
پارچىلارغا ئۇشتۇپ، ھەممە بوش قالغان يەرلەرنى تولدۇرۇپ بېرىشكە توغرا
كېلەتتى. ئەركىن سىدىقمۇ قالغانلارغا ئوخشاش مانا مۇشۇنداق نان قەرزى
ئېلىم - بېرىمىنى كۆپ قىلدى. ئۇنىڭ ئوقۇشى سىنىپ بويىچە ئالاھىدە ياخشى
بولۇپ، ساۋاقداشلىرىغا داۋاملىق ئۆگىنىشتە ياردەم قىلىدىغان بولغاچقا،
ساۋاقداشلىرى بەزىدە ئۇنىڭ نان قەرزىنى كۆتىرىۋەتتى. "ناننى دەسسىسەڭ،
يامان بولىدۇ" ـــــ بۇ چوڭ ئاپىسى ئەركىن سىدىققا بەرگەن تەلىمنىڭ
بىرسىدۇر. ئەركىن سىدىق دېھقان تۇغقانلىرىنىڭ ئېشەك، كالا ياكى ئات
سۆرەيدىغان يارىيار ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ بىر يەرگە ماڭغاندا، ھارۋا
ھەيدىگەچ نان يەپ كېتىۋاتقان تۇغقىنىنىڭ يەرگە بىر كىچىك پارچە نان
چۈشۈپ كەتسە ھارۋىنى توختىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن چۈشۈپ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن
نان پارچىسىنى توپا ئارىسىدىن تېپىپ، ئۇنى پۈۋلىۋېتىپ ئاغزىغا
سالغانلىقىنى كۆپ كۆرگەن ئىدى. بۇنىڭغا ئۇ ئازراقمۇ ئەجەپلەنمەيتتى.
كېيىنچە ئۇ قوناق تېرىش، بۇغداي تېرىش ۋە شال تېرىش جەريانىنى ئۆز
بېشىدىن بىر قۇر ئۆتكۈزۈپ باققاندىن كېيىن، چوڭ ئاپىسىنىڭ "ناننى
دەسسىسەڭ، يامان بولىدۇ" دېگەن بۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر
چۈشىنىپ يەتتى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يۇقىرىقى كۈنلەر ئەركىن سىدىقنىڭ
ئېسىدىن زادىلا چىقمىدى. ھازىر ئۇ ئامېرىكىدەك دۇنيادىكى ئاشلىققا ئەڭ
باي بىر دۆلەتتە ياشاۋېتىپمۇ، ئۆزى ئاشنى ئىسراپ قىلىشقۇ ئۇ ياقتا
تۇرسۇن، باشقىلارنىڭ شۇنداق قىلغىنىنى كۆرسىمۇ ئۇ زادىلا چىدىيالماي
قالىدۇ. باشقىلارنىڭ ساپمۇ - ساق يىمەكلىكنى تاشلىۋەتكىنىنى كۆرگەن
ۋاقىتتا ئۇنىڭ يادىغا دەرھاللا ئۇيغۇر دېھقانلىرى كېلىدۇ. "ئەگەر بۇ
تاماق ئاشۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بېرىلگەن بولسا، ئۇلار قانچىلىك خوش
بولۇپ كېتەر ئىدى، ھە؟" دەپ ئويلايدۇ.
ئەركىن سىدىق باشلانغۇچتا
ئوقۇۋاتقان ئاشۇ مەزگىلدە، ئوقۇغۇچىلار ئەتىگىنى مەكتەپكە بېرىپ،
سىنىپقا كىرىش قوڭغۇرىقى جىرىڭلىغاندا، ھەممە ئوقۇغۇچىلار سىنىپنىڭ
ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ تىزىلاتتى. سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن
سىنىپ بويىچە ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، "دېڭىزدا پاراخوت رولچىغا
تايىنىدۇ. جۇڭگو خەلقى ماۋ جۇشىغا تايىنىدۇ" دېگەن ناخشىنى ئوقۇيتتى.
ئاندىن دوسكىنىڭ ئۈستىدىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىگە 3 قېتىم تەزىم
قىلاتتى. دەرسنى ئۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن باشلايتتى. بىرەر ئوقۇغۇچى
دەرسكە كېچىكىپ قالسا، سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن سىنىپنىڭ
ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىگە قاراپ تۇرۇپ دوكلات قىلاتتى:
"قەدىرلىك ماۋ جۇشى: مەن بۈگۈن ئۆيدە ئاش ۋاقتىدا پىشماي ئازراق
كېچىكىپ قالدىم. مەن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. سىزگە بۇنىڭدىن كېيىن
ئۇنداق قىلماسلىققا ۋەدە بېرىمەن." ئوقۇتقۇچى شۇنىڭدىن كېيىن بۇ
ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلاتتى. ئۈچىنچى سىنىپلارغا
چىققاندا بولسا كېرەك. مەكتەپتىن ھەممە ئوقۇغۇچىلاردىن ماۋ زېدۇڭنىڭ
"خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى"، "يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى" ۋە "بېتيۇننى
خاتىرىلەيمىز" دېگەن 3 ئەسىرىنى يادلىشى تەلەپ قىلىندى. ئەركىن
سىدىقنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋاقتىنىڭ نۇرغۇن قىسمى مانا
مۇشۇنداق ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش ۋە يادلاش بىلەن ئۆتكەن ئىدى.
ئۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدىغان
ئەمگەكلەرمۇ بەك كۆپ ئىدى. ھەر يىلى قىشتا ئوغۇت يىغىش پائالىيىتى
بولىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا "مەكتەپكە ھەر ھەپتىدە 100
كىلوگرام ئوغۇت تاپشۇرۇش" دېگەندەك ۋەزىپە قويۇلاتتى. ئۇ دەۋردە ھەر
ھەپتىدىكى دەم ئېلىش كۈنى پەقەت بىر كۈن، يەنى يەكشەنبە كۈنى بولۇپ،
قىش كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلار بۇ دەم ئېلىش كۈنىنى شۇ ئوغۇت ۋەزىپىسىنى
ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. ھەممە مەكتەپلەر بۇ پائالىيەتنى بىرلا
ۋاقىتتا ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، قىش كۈنلىرى ئوغۇت تېپىش ئىنتايىن
قىيىن بولۇپ كېتەتتى. ئاقسۇ شەھىرىدە ھەر يەكشەنبە كۈنى چوڭ بازار
بولىدىغان بولۇپ، بۇ كۈنى شەھەرگە دېھقانلارنىڭ ھارۋا - چارۋىلىرى
ئىنتايىن كۆپ كېلەتتى. لېكىن ئوغۇت تېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ
كۆپلۈكىدىن، يوللاردا ۋە ھارۋىنى توختىتىپ قويغان جايلاردا پەقەت ئوغۇت
تاپقىلى بولمايتتى. شۇڭا ئەركىن سىدىق بىر سېۋەت بىلەن بىر كىچىك
گۈرجەكنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كېتىپ بارغان ئېشەك، كالا ياكى ئات ھارۋىلىرىنىڭ
كەينىدىن ئاشۇ ھايۋانلار تېزەكلەپ قالارمىكىن، دېگەن ئۈمىدتە نەچچە 100
مېتىر ماڭغان ۋاقىتلىرى كۆپ بولغان. ئەگەر بىرەر ئۇلاق تېزەكلەپ قالسا
2 - 3 بالىلار يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ، ئۇلاقنىڭ تېزىكىنى تالىشىپ، ئۇلاقنىڭ
تېزەكلىرىنى پارە - پارە قىلىۋېتەتتى. بۇ ئارقىلىق ۋەزىپىسىنى يەنىلا
ئورۇندىيالمىغان ئوقۇغۇچىلار يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر
ئىچىگە ۋە ئىدارىلەرگە ياسالغان ئاستى ئوچۇق ھاجەتخانىلارنىڭ ئاستىدىكى
توڭلاپ قالغان ئادەم تەرەتلىرىنى ئوغرىلايتتى. شۇڭا بەزى ئىدارىلەر
باشقىلار ئوغرىلاپ كەتمىسۇن، دەپ ھاجەتخانىلىرىنى تۆمۈر تورلار بىلەن
توسۇپ، ئۇنىڭغا قۇلۇپ سېلىپ قويغان ئىشلارمۇ بولغان ئىدى. ئىنسان ۋە
ھايۋانلارنىڭ پوق - سۈيدۈكى مۇشۇ دەرىجىدە مۇھىم بولۇپ كېتىپ، ئۇنى
قۇلۇپ سېلىپ قويۇپ قوغدايدىغان ھادىسە ئېھتىمال باشقا ھېچ قانداق
تارىخىي دەۋردە، دۇنيانىڭ باشقا ھېچ قانداق جايلىرىدا بولۇپ باقمىغان
بولۇشى مۇمكىن (ئۇ مەزگىللەردە بارلىق مەكتەپ ۋە ئىدارىلەرنىڭ
دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانچىلىق
مەيدانلىرى بولغاچقا ئوغۇت يىغىش ۋەزىپىسى قويۇلاتتى. ــــــــ
مۇھەررىردىن). ئوغۇت تېرىش ۋەزىپىسىدىن باشقا، ئۇ چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار
مەكتەپ ئىچىنى سۈپۈرۈش، مەكتەپ ئىچى ۋە كوچىلاردا قار تازىلاش، ياز
كۈنلىرى ئورۇلۇپ يىغىلىپ بولغان بۇغداي ئېتىزلىقلىرىغا بېرىپ باشاق
تېرىش (يەنى، دېھقانلار ئورۇپ يىغىپ بولغان ئېتىزلىقلاردا چۈشۈپ قالغان
بۇغداي باشلىرىنى تېرىشنى دېمەكچى) قاتارلىق ئەمگەكلەرنىمۇ كۆپ
قىلاتتى.
1965 - 1970- يىللىرى مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابىي تۈپەيلىدىن شەھەردىكى كىشىلەر 2 گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ
خىل بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبى ھەر خىل ھەر رەڭدە بولۇپ، قېتىم سانىمۇ ئىنتايىن
كۆپ
ئىدى. بىر
قېتىملىق
بۆلۈنۈشتە،
بىر
گۇرۇھ
ئەينى
ۋاقىتتا
ئۇيغۇر
دىيارىغا -1قول
باشلىق
بولغان
ۋاڭ
ئېنماۋنى
قوغدىغۇچىلار
بولسا،
يەنە
بىر
گۇرۇھ
ئۇنىڭغا
قارشى
تۇرغۇچىلار
ئىدى. بىر
قېتىم
ئاقسۇ
شەھىرىدە
مۇشۇ 2
گۇرۇھ
كىشىلەر
ئارىسىدا
قاتتىق
سوقۇش
بولدى. بىر
تەرەپ
قولىغا
نەيزە،
كالتەكلەرنى
ئېلىپ،
يەنە
بىر
تەرەپ
ئىگىلىۋالغان
يەرگە
بېسىپ
بېرىپ،
تاپقانلا
ئادەملەرنى
ئۇراتتى. بۇ
قوشۇن
ئەركىن
سىدىقنىڭ
ئائىلىسى
تۇرىدىغان
مەكتەپنىڭ
ئالدىغا
كېلىپ،
ئاقسۇ
گېزىتخانىسىدىكى
كىشىلەر
بىلەن
سوقۇشقاندا،
ئەركىن
سىدىق
بىلەن
ئۇنىڭ
ئاكىسى
ئىككىيلەن
پۈتۈن
جەرياننى
باشتىن -ئاخىر
كۆرگەن
ئىدى. ئاشۇ
ۋاقىتلاردا
نۇرغۇن
ئادەملەر
مۇشۇنداق
سوقۇشۇشنىڭ
نەتىجىسىدە
ئۆلۈپ
كەتتى. مۇشۇنداق
ئۆلۈپ
كەتكەنلەرنىڭ
بىرسى
ئەركىن
سىدىقنىڭ
خانىمى
ئامانگۈلنىڭ
چوڭ
ئاكىسى
ئېزىز
ئەيسادۇر. -1968يىلى
-11 يانۋار
كۈنى
سومكىسىنى
كۆتۈرۈپ،
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك -1ئوتتۇرا
مەكتەپكە
دەرس
ئوقۇشقا
كەتكەن 17
يېرىم
ياشلىق
ئېزىز
ئەيسا،
مەكتەپكە
يېقىن
بارغاندا
يولغا
تاشلانغان
بىر
قول
بومبىسىنىڭ
پارتلىشى
بىلەن
قازا
تېپىپ،
كەچتە
ئۇنىڭ
جەسىتى
ئۆيگە
قايتۇرۇلۇپ
كېلىندى. (بۇ
ۋەقە
ئاقسۇ
ۋىلايەتلىك -1
ئوتتۇرا
مەكتەپ
قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60
يىللىقى
مۇناسىۋىتى
بىلەن
ئىشلەنگەن « مەرىپەت
بۇلىقى » ناملىق
كىتابقا
كىرگۈزۈلگەن
ــــــــ
مۇھەررىردىن) ئۇ
چاغدا
ئامانگۈل
تېخى 9
ياش
ئىدى. بۇنىڭ
ئۈچۈن
ئامانگۈلنىڭ
ئاپىسى 2
يىل
ئېسىنى
يوقۇتۇپ،
كېسەل
بولۇپ،
ئۆلۈپ
كەتكىلىمۇ
تاس
قالدى. بۇ
بالىسىنىڭ
دەردىنى
ئامانگۈلنىڭ
ئاپىسى
تاكى- 2005
يىلى -1دېكابىردا
ئالەمدىن
ئۆتكىچە
ئىزچىل
تۈردە
تارتىپ
كەلدى. ئەينى
ۋاقىتتا
ئامانگۈلنىڭ
ئاكىسى
ئوينىغان
بىر
ۋاسكېتبول
ئامانگۈلنىڭ
ئاتا -ئانىسىنىڭ
ئۆيىدە
ھازىرمۇ
ساقلىنىپ
تۇرماقتا(.
ئامانگۈل
بىلەن
ئەركىن
سىدىق
باشلانغۇچ،
ئوتتۇرا
ۋە
ئالىي
مەكتەپنى
ئوخشاش
مەكتەپ
ۋە
ئوخشاش
ۋاقىتتا
ئوقۇغان
بولسىمۇ،
ئامانگۈلنىڭ
ئوقۇغىنى
خەنزۇچە
تىل
سىستېمىسى
بولغاچقا،
ئۇلار
ئالىي
مەكتەپ
ئوقۇشىنىڭ
يېرىمىغىچە
بىر -
بىرى
بىلەن
تونۇشمىغان. لېكىن
يۇقىرىقى
ۋەقە
ئەركىن
سىدىقنىڭ
كېيىنكى
تۇرمۇشىغا
ناھايىتى
زور
تەسىر
كۆرسەتكەن
بىر
ئىش
بولغاچقا،
ئۇ
ۋەقە
بۇ
يەرگە
قىستۇرۇلۇپ
قويۇلدى.
ئەركىن
سىدىق
بالىلىق
ۋاقتىدىن
تارتىپلا
ئائىلە
ھايۋانلىرىغا
ئىنتايىن
ئامراق
بولۇپ،
ئۇلارغا
ئىنتايىن
كۆيۈنەتتى،
ھەمدە
ئۇلارنى
خۇددى
ئادەمنى
ئاسرىغاندەك
ئاسرايتتى. ئۇنىڭ
ئەڭ
دەسلەپتە
باققىنى
بىر
جۈپ
ئۆي
توشقىنىنىڭ
بالىسى
بولدى. ھويلىسىدىكى
يەرنى
كولاپ،
بىر
ئۇۋا
ياساپ،
توشقانلىرىنى
كېچىسى
شۇ
ئۇۋىسىدا
ساقلايتتى. كۈندۈزلىرى
بولسا
ھويلىسىنىڭ
ئىچىگە
قويۇپ
بېرەتتى. ئەركىن
سىدىق
ئىككى
توشقاننىڭ
ھويلا
ئىچىدە
يۈگۈرۈپ
ئويناپ،
بەزىدە
سەكرىگەندە
يەرگە
يانپىشىچە
چۈشكىنىدىن
قاتتىق
ھۇزۇرلىنىپ،
خوش
بولۇپ
كېتەتتى. بۇ
توشقانلار
چوڭ
بولۇپ،
بىر
كۈنى
ئەركىن
سىدىق
چىشى
توشقاننىڭ
ئاغزىغا
قۇرۇق
ئوتلارنى
يىغىپ،
ئۇۋىسىغا
ئېلىپ
كىرىپ
كېتىپ
بارغىنىنى
كۆردى. لېكىن
نېمىشقا
ئۇنداق
قىلىدىغىنىنى
بىلمىدى. ئۇنىڭدىن
20 كۈن
ئۆتكەن
بىر
كۈنى
ئەركىن
سىدىق
توشقاننى
ئۇۋىسىغا
سولاپ،
ئوت
بېرەي
دەپ
قارىغىنىدا،6- 7 دانە رەڭگا
-رەڭ
توشقان
بالىلىرىنى
كۆردى. ئۇ
ھەم
خۇشال
بولۇپ،
ھەم
ھاياجانلىنىپ،
كۆزلىرىدىن
ياش
چىقىپ
كەتتى. ئۇ
يۈگۈرگەن
پېتى
ئۆيىگە
كىرىپ،
بۇ
خۇش
خەۋەرنى
ئۆيىدىكى
ھەممەيلەنگە
يەتكۈزدى. ئەركىن
سىدىقنىڭ
ئاكىسى
بىلەن
بۇ
توشقاننى
بېقىشىدىكى
مەقسىتى
ئۇلارنى
چوڭ
قىلىپ
سېتىش
ئىدى. ئۇلار
بۇ
ئىشنى
بىر
قانچە
يىل
داۋاملاشتۇردى. بىر
قېتىم
ئەركىن
سىدىق
بىر
دەرەخكە
چىقىپ،
ئۇنىڭدىكى
بىر
قۇشقاچ
ئۇۋىسىدىن
تۇخۇمدىن
چىققىلى
ئانچە
ئۇزۇن
بولمىغان،
تېخى
تۈكلىرىمۇ
ئۆسمىگەن
بىر
قۇشقاچ
بالىسىنى
ئېلىپ
چۈشتى. ھەمدە
يەرنى
كولاپ
سازاڭ
قۇرۇتى
تېپىپ،
بۇ
قۇشقاچ
بالىسىنى
كۈنىگە
ئۈچ
ۋاق
قۇرۇت
بېرىپ
باقتى. تېخى
كۆزى
ئېچىلمىغان
بۇ
قۇشقاچ
يېمەكلىكنى
ئۆزى
يېيەلمەيتتى. شۇڭا
ئەركىن
سىدىق
ئاكىسى
بىلەن
بىرلىشىپ،
بىرسى
قۇشقاچنىڭ
تۇمشۇغىنى
ئىككى
قولى
بىلەن
ئېچىپ
بەرسە،
يەنە
بىرسى
ئۇنىڭ
ئېغىزىغا
يەم
سالاتتى. ياكى
قوشۇق
بىلەن
سۇ
قۇياتتى. ئاشۇنداق
قىلىپ
ئۇلار
بۇ
قۇشقاچنى
ئولتۇرۇپ
قويماي
بېقىپ
چوڭ
قىلدى. بۇ
قۇشقاچ
ئۇچۇرۇم
بولغاندا،
ئۇ
ئۇچۇپ
بەزىدە
دەرەخكە
قونۇپ،
بەزىدە
ئەركىن
سىدىقنىڭ
مۈرىسىگە
قونۇپ
يۈردى. بۇ
ئىش
ئەركىن
سىدىق
ئۈچۈن
چەكسىز
خۇشاللىق
ئەكەلدى. ئەركىن
سىدىق
ئۈچۈن
بۇ
ئۇنىڭ
بالىلىق
دەۋرىدىكى
بىر
چوڭ
مۇۋەپپەقىيەت
ئىدى. ئۇنىڭدىن
كېيىن
ئاكا -
ئۇكا
ئىككىيلەن
تۇمۇچۇق
ۋە
جىڭسىر
دەپ
ئاتىلىدىغان،
ئۆزى
ئىنتايىن
چىرايلىق
ۋە
بەك
گۈزەل
سايراپ
بېرىدىغان
قۇشقاچلارنىمۇ
باقتى. ئۇلارنىڭ
پۇلى
بولمىغاچقا،
بۇ
قۇشقاچلارنى
بېقىش
ئۈچۈن
ئۇلار
قۇرۇلۇش
ئەخلەت
دۆۋىلىرىدىن
سىم
تېرىپ
كېلىپ،
ئۆزلىرى
سىم
قەپەس
ياسىدى. ئۇلار
بىر
تۇمۇچۇقنى 2
يىلدەك
باققان
بولۇپ،
بۇ
تۇمۇچۇق
خۇددى
ئىگىسىنىڭ "ياخشىلىقى"نى
قايتۇرىۋاتقاندەك،
ھەر
كۈنى
ئۆيدىكىلەر
چۈشلۈك
تاماققا
يىغىلغاندا،
بىر
سائەتتەك
توختىماي
ئىنتايىن
چىرايلىق
سايراپ
بېرەتتى. بىر
كۈنى
ئەركىن
سىدىق
مەكتەپتىن
قايتىپ
كېلىپ
قارىسا،
تۇمۇچۇق
قەپىسى
بىلەن
ئۆيىدە
يوق. شۇنىڭ
بىلەن
ئاكا -
ئۇكا
ئىككىيلەن
ئىدارىنىڭ
ئەتراپىدىكى
كىشىلەردىن
سۈرۈشتە
قىلدى.
بىر
كىشى
ئۇ
قۇشقاچنى
قەپىسى
بىلەن
ئەركىن
سىدىقنىڭ
ئۆيىنىڭ
ئارقىسىدا
ئولتۇرىدىغان،
ئىدارىنىڭ
سىرتىدىكى
بىرسى
ئوغرىلىغانلىقىنى،
ھەمدە
تۇمۇچۇقنى
ئۆلتۈرۈپ،
ئۆز
ئۆگزىسىگە
تاشلىۋەتكەنلىكىنى
ئېيتىپ
بەردى. ئەركىن
سىدىق
ئاكىسى
بىلەن
ئۇ
ئۆگزىگە
چىقىپ،
قۇشقىچىنىڭ
ئۆلىكىنى
تاپقاندا،
ھۆكۈرەپ
يىغلاپ
كەتتى. لېكىن
ئۇ
قوشنىسى
بىر
ھېچ
قانداق
مەكتەپ
كۆرمىگەن،
قارا
خىزمەتلەرنى
قىلىپ
جان
باقىدىغان
ئائىلىدىن
كېلىپ
چىققان،
داۋاملىق
ئوغرىلىق
ۋە
باشقا
ئەسكى
ئىشلارنى
قىلىپ
يۈرىدىغان
بىرسى
بولۇپ،
قەپەسنى
ئۆزىنىڭ
ئوغرىلىغىنىنى
ھەرگىز
ئېتىراپ
قىلغىلى
ئۇنىمىدى. بۇ
ئىشنى
ھەر
قېتىم
ئويلىغىنىدا،
ئەركىن
سىدىقنىڭ
كۆڭلى
ھازىرمۇ
غەش
بولىدۇ. شۇ
ۋاقىتلاردا
ئەركىن
سىدىق
ئاكىسى
بىلەن
مەخسۇس
ئاشۇنداق
قۇشقاچ
تۇتىدىغان
قەپەس
ياساپ،
تۇمۇچۇق
ۋە
جىڭسىر
تۇتۇپ، 10
دەك
قۇشقاچنى
باشقىلارغا
سېتىپ
بەرگەن
ئىدى. ئازراق
پۇل
تېپىپ،
ئاتا -
ئانىسىنىڭ
يۈكىنى
يېنىكلىتىش
ئۈچۈن،
ئەركىن
سىدىق
ئاكىسى
بىلەن
بىرلىكتە
ئەخلەت
دۆۋىلىرى
ئىچىدىن
تۆمۈر،
سۆڭەك،
ئاليۇمىن،
سوپۇن
قۇتىسى
قاتارلىقلارنى
يىغىپ
ساتاتتى. دۆڭ
تۆپىسىدىكى (ئاقسۇ
شەھىرىنىڭ
شەرقى
قىسىملى باشقا قىسىملىرىدىن
ئېگىز
بولغاچقا
شەرقى
قىسىمدىكى
بۇ
شەھەر
رايونى
دۆڭ
تۆپىسى
دەپ
ئاتىلىدۇ
ــــــــ
مۇھەررىردىن) ھەربىيلەر
ئوق
ۋە
بومبا
ئېتىپ،
ھەربىي
مەشىق
قىلغان
يەرگە
بېرىپ،
مەشىق
تۈگىگەندە
ئۇ
يەردىنمۇ
تۆمۈر
تېرەتتى.
ئۇ
چاغلاردا
تۇرمۇش
ئىنتايىن
قىيىن
بولۇپ،
قىش
كىرىشتىن
بۇرۇن
ھەممە
ئۆيلەر
بىر
قانچە
توننا
كۆمۈر
ئېلىپ،
قىشنىڭ
تەييارلىقىنى
قىلاتتى. قاتتىق
كۆمۈر
قىممەت
بولغاچقا،
نۇرغۇن
ئائىلىلەر
توپا
كۆمۈر
سېتىۋېلىپ،
ئۇنى
لاي
ئېتىپ،
ياكى
زۇۋۇلا
تۇتاتتى،
ياكى
كۆمۈر
كېسەك
قۇيۇپ
قۇرىتاتتى. ھەمدە
ھەر
يىلى
گەمە
كولاپ،
قىش
كىرىشتىن
بۇرۇن
بەسەي،
ياڭيۇ،
سەۋزە
قاتارلىق
كۆكتاتلارنى
جىق
ئېلىپ،
ئاشۇ
گەمىگە
سېلىۋالاتتى. چىقىمنى
ئازايتىش
ئۈچۈن
ئەركىن
سىدىق
قىش
كۈنلىرى
مەكتەپتىن
قايتىپ
كەلگەندىن
كېيىن،
ئاكىسى
بىلەن
بىرلىكتە
ئۆيى
تۇرۇشلۇق
مەكتەپتىكى
ئوقۇغۇچىلار
ئىسسىنىپ
بولۇپ
تۆكۈۋەتكەن
ئوچاق
كۈلىنى
تاسقاپ،
ئۇنىڭ
ئىچىدىكى
تېخى
تولۇق
كۆيۈپ
بۇلالمىغان
كومۇر
داشقاللىرىنى
يىغاتتى. (ئوقۇغۇچىلار
ئىشلىتىدىغىنى
ئەڭ
يۇقىرى
سۈپەتلىك
قاتتىق
كۆمۈر
بولۇپ،
ئۇنىڭدىن
قالغان
داشقاللارمۇ
ئىنتايىن
ياخشى
كۆيەتتى). قىش
كۈنى
تونۇرنى
قىزدۇرۇپ
نان
يېقىش
ياكى
ئۆيدە
باققان
قويغا
يەم
قىلىپ
بېرىش
ئۈچۈن،
ئاكا -
ئۇكا
ئىككىيلەن
ھەر
يىلى
كۈزدە
نەچچە
ئاي
غازاڭ
سۈپۈرۈپ،
غازاڭ
يىغاتتى.
قاتتىق
بوران
چىققاندا،
بوران
چۈشۈرىۋەتكەن،
دەرەخنىڭ
قۇرۇپ
قالغان
شاخلىرىنى
يىغاتتى. بەزىدە
ئۆيىدىن
نەچچە
كىلومېتىر
يىراقلىقتىكى
جاڭگالغا
بېرىپ،
ئۇ
يەردىن
قۇرۇپ
قالغان
يانتاقلارنى
يىغىپ،
ئۇلارنى
باغلاپ،
دۈمبىسىگە
ئارتىپ
كۆتۈرۈپ
ئۆيىگە
ئەكىلەتتى. بەزىدە
ئاپىسىغا
ياردەملىشىپ
ئۆي
سۈپۈرەتتى. ئۆيدە
باققان
بىر
قوي
ۋە
بىر
قانچە
توخۇلارغا
يەم
بېرىش
ئۇلار
داۋاملىق
قىلىدىغان
ئىش
ئىدى. ئىشقىلىپ،
ئاكا -
ئۇكا
ئىككىيلەننىڭ
ئۆيدە
بوش
قالىدىغان
ۋاقتى
ئاساسەن
يوق
دېيەرلىك
ئىدى. ئۆيىدە
بىر
قوي
بېقىۋاتقان
ئاشۇ
دەۋرنىڭ
قوغۇن
پىشقان
پەسىللىرى
ئەركىن
سىدىقنىڭ
ئائىلىسى
ئۈچۈن
قىلغان
يەنە
بىر
ئىشمۇ
بار. ئۇ
بولسىمۇ
قويغا
يەم
قىلىپ
بېرىش
ئۈچۈن
شاپاق
يىغىش. يەكشەنبە
كۈنلىرى
ئەركىن
سىدىق
ئۆيىنىڭ
قېشىدىكى
قوغۇن
بازىرىغا
بېرىپ،
بىر
سېۋەت
بىلەن
بىر
ئىتتىك
بىلەنگەن
پىچاقنى
تۇتۇپ،
بىر
قوغۇن
دۆۋىسىنىڭ
يېنىدا
تۇراتتى. قوغۇن
سېتىۋالغان
بەزى
خېرىدارلار
تۇغقانلىرى
ياكى
تونۇشلىرى
بىلەن
بىرلىكتە
شۇ
جايدىلا
ئۇنى
تىلىپ
يېمەكچى
بولۇپ،
ئۆزىدە
پىچاق
بولمىغاندا
ئەركىن
سىدىقنى
چاقىرىپ،
ئۇنىڭ
پىچىقىنى
ئىشلىتەتتى. ئۇنىڭ
بەدىلىگە
بۇ
خېرىدارلار
قوغۇننىڭ
شاپىقىنى
ئەركىن
سىدىقنىڭ
سېۋىتىگە
سالاتتى. بەزى
رەھىملىك
خېرىدارلار
ئەركىن
سىدىققا
بىرەر
تىلىم
قوغۇنمۇ
بېرەتتى. ئەركىن
سىدىق
يېرىم
كۈندەك
ۋاقىتتا
مۇشۇ
نداق قىلىش ئارقىلىق
بىر
سېۋەتنى
توشقۇزۇپ
ئۆيىگە
قايتاتتى.
ئۇ
چاغدا
بالىلار
ئويۇنچۇقلىرى
ئاساسەن
يوق
بولۇپ،
شەھەردىكى
بالىلار
ياز
كۈنى
سوقۇش
ئوينايتتى:
ئۆزلىرى
ياغاچتىن
قورال
ياساپ،
ئىككى
گۇرۇپپىغا
بۆلۈنۈپ،
بىرسى
دۈشمەن،
بىرسى
ئارمىيە
بولۇپ
سوقۇشاتتى. ياغاچ
قورالدىن
ھېچ
نەرسە
چىقمىغاچقا،
قارشى
تەرەپتىكى
بالىدىن
بىرەرىنى
كۆرگەن
ھامان،
ئاغزىدا "تا-تا-تا-تا!"
دەپ
ۋارقىراپ،"مەن
ئالدىدا
ئاتتىم. سەن
ئۆلدۈڭ. ئۆلە!
ئۆلە!"
دەپ
ۋارقىرىشاتتى. مۆكۈشمەك،
ئوشۇق
ئويناش،
نۇر
پىرقىرىتىش
ۋە
توڭلاپ
قالغان
ئۆستەڭ
ۋە
قارنىڭ
ئۈستىدە
مۇز
تېيىلىش
دېگەندەك
ئويۇنلارمۇ
بار
ئىدى.
تەتىل
ۋاقتى
شەھەردە
قىلىدىغان
ئىشنىڭ
تايىنى
بولمىغاچقا،
ئەركىن
سىدىق
ھەر
يىلى
يازلىق
ۋە
قىشلىق
تەتىللەرنى
ئارالدىكى
تۇغقانلىرى
بىلەن
ئۆتكۈزدى. 60 كىلومېتىر
يىراقلىقتىكى
ئارالغا
تۇغقانلىرىنىڭ
ئات،
كالا
ياكى
ئېشەك
ھارۋىلىرىدا
بارىدىغان
بولۇپ،
قىش
كۈنلىرى
بارغاندا
ئاقسۇدىن
ئەتىگەنلىكى
سائەت 5 ?C 6 لەردە
يولغا
چىقسا،
ئارالغا
كەچ
سائەت 9-10
لاردا
يېتىپ
باراتتى. ياز
كۈنلىرى
ئاخشىمى
يولغا
چىقىپ،
ئەتىسى
ئەتىگەن
تاڭ
ئاتقاندا
يېتىپ
باراتتى. ئولتۇرىدىغان
ھارۋىلىرىنىڭ
كۆپىنچىسى
ياغاچتىن
ياسالغان
يارىيار
ھارۋا
بولۇپ،
ئۇ
چاغلاردا
رېزىنكە
تاپانلىق
پىگىلو
ھارۋىسىمۇ
ئىنتايىن
قىس
ئىدى. پىگىلو
ھارۋا
ياكى
تراكتوردا
ئولتۇرۇش
ئۇلار
ئۈچۈن
خۇددى
ھازىرقى
ئايروپىلاندا
ئولتۇرغان
بىلەن
ئوخشاش
ئەڭ
راھەت
ئىش
ئىدى. قىش
كۈنلىرى
ھاۋا
قاتتىق
سوغۇق
بولىدىغان
بولغاچقا،
يۇقىرىقىدەك
سەپەر
قىلىش
جەريانىدا
ئاياق
كىيىمىنىڭ
يالاڭلىقىدىن
ئەركىن
سىدىقنىڭ
ئىككى
چىمچىلاق
پۇتى
ئۈششۈپ
كەتكەن
ئىدى. ئۇ
ئىككى
چىمچىلاق
پۇتى
تاكى
ھازىرغىچە
ھەر
يىلى
ئەتىياز
كىرگەندە
بىرەر
ئاي
قىچىشىپ،
ئەركىن
سىدىققا
ئەينى
زاماندىكى
جاپالىق
ھاياتىنى
ئەسلىتىپ
تۇرماقتا. يارىيار
ھارۋىدا
سەپەر
قىلغاندا،
يولدا
ئېگىزرەك
دۆڭلەرگە
كەلگەندە،
ھارۋىدىكى
ھەممەيلەن
يا
ھارۋىدىن
چۈشۈپ
پىيادە
ماڭاتتى، ياكى
بولمىسا
ھارۋىنى
ئىتتىرىپ
ئۇلاغقا
ياردەملىشەتتى. ئارالنىڭ
كۆۋرۈكىنى
سۇ
ئېقىتىپ
كەتكەندە،
ئۇلار
دەريانىڭ
تېيىز
جايلىرىنى
ئىزدەپ،
بىۋاسىتە
سۇنى
كېچىپ
ئۆتەتتى. ھارۋىنىڭ
ئۈستىگە
سۇ
چىقىپ
كېتىدىغان
ئىشلار
دائىم
بولۇپ
تۇراتتى. بەزى
ئادەملەر
دەريادىن
ئۆتۈش
جەريانىدا
سۇ
ئېقىتىپ
كېتىپ،
ئۆلۈپ
كېتىدىغان
ئىشلارمۇ
ھەر
يىلى
دېگۈدەك
كۆرۈلۈپ
تۇراتتى. دېھقانلارغا
بىر
يىل
ئىچىدە
بىرەر
كۈنمۇ
دەم
ئېلىش
ۋاقتى
بولمىغاچقا،
ئەركىن
سىدىق
ئارالغا
تەتىل
قىلىپ
بارغان
ۋاقتىدا،
ئىمكانقەدەر
تۇغقانلىرىنىڭ
ئورنىغا
ئىشقا
چىقىپ،
ئۇلارنىڭ
بىرەر
كۈن
بولسىمۇ
ئۆزىنىڭ
ئۆيىنىڭ
ئىشلىرىنى
قىلىۋېلىشىغا
ئىمكانىيەت
يارىتىپ
بەردى. بەزى
كۈنلىرى
ئەتىگەنلىك
دولقۇنغا
چىقىپ،
تۇققانلىرىنىنىڭ
تاماق
ئېتىپ
تۇرىشىغا
ئىمكانىيەت
يارىتىپ
بېرەتتى. ئۇ
6 - 7
ياش
ۋاقتىدىكى
ياز
كۈنلىرى
كالىغا
مىنىۋېلىپ
خامان
تېپەتتى، ئۇنىڭدىن
سەل
چوڭ
بولغاندا
بىر
چاقلىق
غالتەكتە،
ئىككى
ئادەم
كۆتۈرىدىغان
زەمبىلدە
ياكى
كالا
ھارۋىسىدا
بۇغدايلىققا
ئوغۇت
توشۇش،
زەمبىلدە
ئېغىللاردىن
قىغ
ئەپچىقىش،
شاللىقتا
ئوت
ئوتاش
ۋە
بۇغداي،
قوناق،
شال
ئورۇش
قاتارلىق
دېھقانچىلىق
ئىشلىرىنىڭ
كۆپ
قىسمىنى
قىلىپ
باققان
ئىدى. خامان
تېپىش
جەريانىدا
ئەركىن
سىدىق
بىرگە
ئىشلەۋاتقان
بالىلار
بىلەن
كۈنىگە
نەچچە
قېتىم
ئۆستەڭگە
سۇغا
چۈشەتتى، بەزىدە
سۇدا
جىم
تۇرۇۋالسا،
چوڭ -
چوڭ
بېلىقلار
كېلىپ،
ئەركىن
سىدىقنىڭ
پۇتىنى
بىر
خىل
يېمەكلىك
ئوخشايدۇ
دەپ
غاجايتتى، بۇنىڭغا
ئادەمنىڭ
پۇتى
ئازراقمۇ
ئاغرىمايتتى. ھازىر
چوڭلارنىڭ
ئېيتىپ
بېرىشىچە،
ئەينى
ۋاقىتتا
ئاشلىق
شۇنچە
قىس
ۋاقىتتىمۇ
ئارالنىڭ
ئۆستەڭلىرىدە
ئاشۇنداق
چوڭ
بېلىقلارنىڭ
بولۇشى،
ۋە
ئۇنى
ھېچ
كىمنىڭ
يىمەسلىكىنىڭ
سەۋەبى،
ئۇ
يەردىكى
ئۇيغۇرلار
ئۇ
چاغدا
بېلىقنى
ھەرگىز
بىر
خىل
يېمەكلىك،
دەپ
بىلمىگەن
ئىكەن. ئېھتىمال
بۇ -49يىلىدىن
بۇرۇن
ئارالدا
ئاشلىقنىڭ
ۋە
باشقا
يېمەكلىكلەرنىڭ
ئىنتايىن
كەڭرى
بولغىنىدىن
بولسا
كېرەك.
ئەركىن
سىدىقنىڭ
مەكىتتىكى
چوڭ
ئاپىسىنىڭ
بىر
نەچچە
مولۇق
شەخسى
كۈزلۈك
ئالما
ۋە
شاپتۇللۇق
بېغى
بار
بولۇپ،
ئالمىدىن
جەمى 5
قۇر،
ھەر
بىر
قۇرىدا 10
تۈپتەك
ئالما
دەرىخى
بار
ئىدى. ھەر
يىلى
بۇ
باغدىكى
ئالما، شاپتۇللار
ئىنتايىن
ئوخشايتتى. يېمىش
پىشقان
مەزگىلنىڭ
كېچىلىرى
ئۇ
ئاكىسى
ياكى
باشقا
تۇغقانلىرى
بىلەن
باغدا
ئۇخلاپ،
باغنى
ئوغرىدىن
قوغدايتتى. ئۇخلىغىلى
ياتقاندا
ئالمىلار
ئۇنىڭ
يۈزىنىڭ
ئۈستىدىلا
بولۇپ،
كېچىسى
بەزىدە
ئېسىدە
يوق
يوتقاندىن
قوپۇپ
ئولتۇرغاندا،
ئالمىلارغا
ئۈسىۋالاتتى، بەزىدە
كېچىسى
ئۇنىڭ
بېشىغا
ئالما
چۈشەتتى. كۈندۈزى
ئۇ
ئاكىسى
بىلەن
بىللە
يەرگە
چۈشۈپ
كەتكەن
ئالمىلارنى
تېرىپ،
3- 4
كىلومېتىر
يول
يۈرۈپ
گۇڭشې
بازىرىغا
بېرىپ،
بىر
موچەنگە
7- 8
دىن
ئالما
ساتاتتى. يېرىم
كۈنلەپ
ئولتۇرۇپ،
ئاران
2- 3
موچەنلىك
ئالما
سېتىپ
قايتىپ
كېلەتتى. باغدىكى
يېمىش
تۈگەپ،
ھاۋا
تېخى
سوۋۇپ
كەتمىگەن
مەزگىللەردە
ئۇلار
ئۆينىڭ
ئۆگزىسىدە
ئۇخلايتتى، بەزىدە
ئايغا
ۋە
ئاسماندىن
ئېقىپ
كېتىۋاتقان
يۇلتۇزلارغا
قاراپ
يېتىپ،
ھېكايە
ئېيتىشاتتى. ئەركىن
سىدىق
ھازىر شۇلارنى
ئەسلىگىنىدە،
ئاشۇ
يىللارنىڭ
ئۇنىڭ
ئۆمرىدىكى
تەبىئەتتىن
ئەڭ
ياخشى
ھۇزۇرلانغان
ۋاقىتلار
ئىكەنلىكىنى
ھېس
قىلىدۇ. كالىفورنىيىدىكى
ئامېرىكىلىقلارنىڭ
بىر
گۈزەل
جايغا
بېرىپ،
يەرگە
ۋاقىتلىق
رەخت
ئۆيلەرنى
ئورنىتىپ،
بىر
ئىككى
كۈن
ئائىلە
ياكى
دوستلىرى
بىلەن
ئاشۇ
يەردە
تاماق
ئېتىپ،
ئۇخلاپ
كېلىدىغان
ئادىتى
بار. ئۇنى
ئىنگلىزچە camping""
دەپ ئاتايدۇ. يېقىندىن بۇيان كالىفورنىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىمۇ
"camping" قىلغىلى
بارىدىغان بولدى. ئەركىن سىدىقنىڭ بالىلىق دەۋرىدە قىلغان يۇقىرىقىدەك
ئىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ياخشى "camping"
پائالىيىتى ئىدى. بىر يىلى ئارالدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەركىن سىدىقنىڭ
چوڭ ئاپىسىنىڭ 4 قۇر ئالمىسىنى ۋە ھەممە شاپتۇللىرىنى ئۇلارنىڭ ئات -
ئۇلاغ ۋە باشقا مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ مۇسادىرە قىلىپ ئېلىۋالدى. بۇ
ۋەقە بولغاندىن كېيىنكى يىلى ھۆكۈمەت تارتىۋالغان ھېلىقى 4 قۇر ئالما
ھېچ قانداق مېۋە بەرمىدى. لېكىن ئەركىن سىدىقنىڭ چوڭ ئاپىسىغا تەۋە
ھېلىقى بىر قۇر ئالما يەنە ئوخشاشلا قاتتىق مېۋە بەردى. بۇ ئاللانىڭ
قۇدرىتىدىنمۇ ياكى پەرۋىشتىكى پەرقتىنمۇ ئۇنىسى ئېنىق ئەمەس.
ئەركىن سىدىقنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ
سىنىپى "پومېشچىك" بولغاچقا، ئاشۇ يىللىرى ئۇ داۋاملىق كۈرەشكە
تارتىلدى. بىر يىلى ئۇ كىشىنىڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغان بولسىمۇ،
ئەترەتتىكىلەر ئۇنى قويۇپ بەرمەي، كالىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ خامان
تېپىشكە سالدى. ئەركىن سىدىق ھەر قېتىم چوڭ دادىسىغا سۇ ئاپىرىپ
بەرگىلى بېرىپ، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا چىدىيالماي،
كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆكەتتى. ھەمدە چوڭ دادىسىدىن 1949-
يىلىدىن بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي سورايتتى. ئۇ چاغلاردا
گەرچە ئۇلارنىڭ يېرى كۆپ بولغان بولسىمۇ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ يېرىنى
ئۆزى ئىشلەپ تېرىغان بولۇپ، ھەرگىز باشقىلارنى ئېزىش بولمىغان. ياز
كۈنلىرى ئورما مەزگىلىدە بولسا، ئۇ يەردىكى دېھقانلار ھەمكارلىشىپ
ئىشلىگەن ئىكەن. ھەر يىلى يېرىنىڭ پەقەت 3 تىن بىر قىسمىنىلا تېرىپ،
قالغان يەرلەرنى ئاق قالدۇرغان. شۇڭا ئاشلىق ناھايىتى ئوبدان بولۇپ،
ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئاشلىقى ئىنتايىن كەڭرى بولغان. لېكىن، ئەركىن
سىدىق باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان دەۋرلەردە، دېھقانلار بىر يىل ئىشلەپمۇ،
ئۆزىنىڭ ئاشلىق پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن. يىل ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە
دېگۈدەك ئەترەتنىڭ ئاشلىق قەرزى ئارتىلىپ قالغان. مۇشۇنداق بىر يىل
ئىشلەپ، ئاش پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمىگەچكە، كۆپىنچە كىشىلەر بالىلىرىنى
مەكتەپكە بەرمىگەن. دېھقانلارنىڭ قەرزگە تۆلەيدىغان پۇلى بولمىغاچقا،
ئەترەت كادىرلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى
بىر ئاز پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئەركىن
سىدىق ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئۆيىدىكى تېخى تېشىلىپ
كەتمىگەن كىگىزلىرىنى، بەزىلىرى رادىئوسىنى، بەزىلىرى قوي - كالىلىرىنى
بېرىۋەتكىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان. ئەڭ ۋەھشىي بولغىنى، ئۇلار
ئەركىن سىدىقنىڭ بىر تۇغقىنىنى ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىپ، ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى
ئېچىپ، ئۆگزىگە جەگە ياغاچ قىلىپ ئىشلەتكەن ياغاچلارنى تاماق پۇلى
قەرزى ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن. ئۇ دېھقانلار شۇنىڭ بىلەن ئۆيسىز قالغان.
تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئەركىن سىدىققا بۇ ئەھۋال ئىنتايىن
قاتتىق تەسىر قىلغان. ئۇ چاغلاردا ھەر كۈنى ھەممە ئادەم توختىماي
ئاڭلايدىغان تەشۋىقات مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ قانداق ئۇلۇغ ھەرىكەت
ئىكەنلىكى، ھەمدە دۆلەت تۈزۈمىنىڭ نەقەدەر ئەۋزەللىكى توغرىسىدا
بولغاچقا، ئەركىن سىدىق ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك
ئەھۋاللارغا زادىلا ئىشىنەلمىگەن. "بۇ يەردە چوقۇم بىرەر خاتالىق بار"
دەپ ئويلىغان. ھەمدە "ئەگەر مەن باشلىق بولۇپ قالسام، ھەممە بالىلارنىڭ
تاماق پۇلىنى كۆتۈرىۋېتەتتىم. شۇنداق قىلسام ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە
بېرىپ ئوقۇيالايتتى" دەپمۇ ئويلىغان. لېكىن ئۇ بۇ ئويلىغانلىرىنى ھېچ
كىمگە دېيەلمىگەن. سەۋەبى ئۇ دەۋردە بىر ئادەمنىڭ جىنايەتچىگە ئايلىنىپ
قېلىشى ئىنتايىن ئاسان بىر ئىش ئىدى. مەسىلەن، ئەينى ۋاقىتتا بەزى
ساۋاتسىز دېھقانلار ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆز - ئۈزۈندىسى بار گېزىتنىڭ
پارچىسىدا ئۇقماي تاماكا يۆگەپ سالغانلىقى ئۈچۈن جىنايەتچى بولۇپ
قېلىپ، كۈرەشكە تارتىلغان ھەتتا تۈرمىگە تاشلانغان ۋەقەلەر كۆپ بولغان
ئىدى.
ئەركىن سىدىقنىڭ مەكىتتىكى چوڭ
دادىسىنىڭ ئاكىسىنىڭ ئارالدا ئىشلەيدىغان روزى تۇردى ئىسىملىك بىر
ئوغلى بار ئىدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەريانىدا، كىشىلەر كۈندۈزى
ئۇنىڭغا بىر ئۇزۇن قەغەز قالپاق كىيدۈرۈپ، مەھەللە ئىچىدە سازايى
قىلدۇردى. ئۇ كىشىنىڭ بېشىدا ئۇزۇن قەغەز قالپاق، بوينىدا بىر يوغان
خەت يېزىلغان تاختاي، قولىدا بىر مېتال داپ بار بولۇپ، ئۇ كىشى بىر
تەرەپتىن مېڭىۋېتىپ، بىر تەرەپتىن داپنى "داڭ! داڭ! داڭ!" ئۇرۇپ،
"يوقالسۇن روزى تۇردى!"، دەپ ۋارقىرايتتى. ھېرىپ كېتىپ سەل توختاپ
قالسا، باشقىلار كېلىپ ئۇراتتى. ئاخشىمى بولسا ئۇنى كۈرەشكە تارتاتتى.
بۇ ئىشلار ئەركىن سىدىقنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋېتەتتى. ئۇ چوڭ دادىسىدىن
روزى تۇردى ئاكىسىنىڭ زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى تەپسىلىي سورىدى.
ئەسلىدە 1949 - يىلىدىن بۇرۇن، ئارالدا ئوغۇل بالىسى بار ھەممە
ئائىلىگە بىر ئوغلىنى گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە بېرىش مەجبۇرىيەت
قىلىنغان. ھەر قېتىم ئەسكەرلىككە ئادەم ئېلىشقا كىشى كەلگەندە، كىشىلەر
ئوغۇللىرىنى يا مۆكتۈرۈپ قويغان، يا قاچۇرۇۋەتكەن. بىر قېتىم ئۇلار
روزى تۇردىنى مۆكۈۋالغان يېرىدىن تېپىۋېلىپ، ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كەتكەن
بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كەلگەن. مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئارالدىكىلەر ئۇنى "گومىنداڭغا ئەسكەر بولغان"
دېگەن جىنايەت بىلەن يۇقىرىقىدەك كۈنگە قويغان ئىكەن. ئەركىن سىدىق ئەڭ
ئاخىرى ئۇنىڭ روزى تۇردى تاغىسىنىڭ جىنايىتى ئۇنىڭ پەقەت بۇ دۇنياغا
تۇغۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن.
ئەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ 5
يىللىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنى 7-ئايدا پۈتتۈرەتتى. لېكىن، ئەركىن
سىدىق باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى
تۈپەيلىدىن، يىللىق ئوقۇش تاماملىنىدىغان ۋاقىت 7- ئايدىن 1- ئايغا
ئۆزگىرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەركىن سىدىقنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى
ئوقۇشى 1970- يىلى 7- ئايدا ئەمەس، 1971- يىلى 1- ئايدا پۈتتى.
ئەركىن
سىدىقنىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ
خاتىرىسى. سۈرەتتىكى
بىرىنچى قۇر سولدىن 4- كىشى ئەركىن سىدىق، 2- قۇر سولدىن 5- كىشى
ئەركىن سىدىقنىڭ 5
يىللىق سىنىپ مۇدىرى تۇخان خانىم بولىدۇ. تارتىلغان ۋاقتى: 1967-1969-
يىللىرى. بۇ
سۈرەتنى ئەركىن سىدىق 2006- يىلى يازدا يۇرتىغا بارغاندا ساۋاقدىشى
خەرنىسا سوغات
قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىن سىدىق ئۇ ساۋاقدىشىغا ئىنتايىن
مىننەتدار. بۇ ئەركىن سىدىقنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدىكى بىردىنبىر
سۈرىتىدۇر??
ئەركىن
سىدىقنىڭ پەرزەنتلىرى 1998- يىلى يازدا ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى سان
فرانكىسكو شەھىرىنىڭ قېشىدىكى ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا توشقان بالىلىرى
بىلەن
ئوينىماقتا. سۈرەتتىكى ئۇلارنىڭ توشقىنىنىڭ 1- قېتىم تۇغقان 3 بالىسى
بولۇپ، ئۇنىڭدىن
كېيىن ئۇ يەنە 13 نى تۇغۇپ، شۇ يىلى ئەركىن سىدىقنىڭ توشقىنى 18 گە
كۆپىيىپ كەتكەن
ئىدى. بىز مۇشۇ تەرجىمىھالنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ قېتىم يۈز بەرگەن "توشقان
كرىزىسى"
ھەققىدە يەنە ئازراق توختىلىمىز.
باش بەتكە قايتىش |